مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«ساقلىقنى ساقلاش» مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش 100 كۈنلۈك ھەرىكىتىنىڭ سالمىقى چوڭ بولدى

2019.05.08 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «ساقلىقنى ساقلاش» بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش 100 كۈنلۈك ھەرىكىتىدە جەمئىي 21 مىڭ 152 دېلو تۇرغۇزۇلدى، دېلو قىممىتى 13 مىليارد 2 مىليون يۈەنگە يەتتى، 9505 دېلو ئاخىرلاشتۇرۇلدى، 664 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ۋە مۇسادىرە قىلىندى، 446 دېلو ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، ئىستېمالچىلارنىڭ 44 مىڭ قېتىم ئەرز-شىكايىتى قوبۇل قىلىنىپ، 123 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرۇۋېلىندى، دەپ جاكارلىدى.

  «100 كۈنلۈك ھەرىكەت» 1-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق 13 تارماق پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەھەللە، باغچا، مەيدان قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇندىن 282 مىڭنى، مېھمانخانا، مېھمانساراي قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇندىن 383 مىڭنى، «ساقلىقنى ساقلاش» تۈرىدىكى دۇكاندىن 731 مىڭنى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، يېزا-مەيدان، بازارلار، يېزا بازىرى، شەھەر-يېزا تۇتاشقان نۇقتىلىق رايوندىن 219 مىڭنى تەكشۈردى. 97 مىڭ ساختا ئۇچۇر ئېنىقلاندى، تور بېكەت، APP، ئاممىۋى سۇپىدىن 1428نى تۈزەتتى، تور بېكەت، APP، ئاممىۋى سۇپىدىن 3877 نى تاقىدى، ئەنگە ئېلىنغان 49 بىۋاسىتە سېتىش مەھسۇلاتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىنى بىكار قىلدى، 54 يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى، 90 تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلدى، ساختا ياساش-سېتىش ئۇۋىسىدىن 465نى بىتچىت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ