باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتىكى قالايمىقانچىلىقلارغا «نەس باستى» دەپ قاراپ ئۆتكۈزىۋەتسەك بولمايدۇ

2019.05.06 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر تودا مەجبۇرلاپ تېڭىپ ماسلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئالدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئالدىن "پىلانلاپ قەرز بېرىش"، ساختا تەشۋىقات قىلىنغان ماللارنى سېتىۋالغاندا "قايتۇرۇشقا بولمايدۇ" دەپ مەجبۇرلاپ تېڭىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتا مەۋجۇت بولىۋاتقان قالايمىقانچىلىق نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ كاللىسىدىن كەتمەيدىغان كۆلەڭگىگە ئايلىنىپ قالدى. بەزى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئۆزىنىڭ تەبىئىي كۈچلۈك ئورنى تۈپەيلىدىن، بەزى نامۇۋاپىق سودا قائىدىلىرى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان بولۇپ قالدى. مەسىلەن، بەزى سۇپىلاردا كىرا ھەققىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش ياكى ئوراش-قاچىلاش ۋە پېچەتنى چۇۋۇشنى باھانە قىلىپ ئىستېمالچىلارغا «يەتتە كۈن سەۋەبسىز قايتۇرۇش»تا قاتتىق تەلەپ قويغان، ئىستېمالچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىلىملىرى ۋە ئۈنۈملۈك ئەرز قىلىش يوللىرى كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار ناچار سودىگەرلەرگە يولۇققاندا ئۆزىنى "نەس باستى" دەپ قارايدۇ.

  توردا مال سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى تۈرلۈك قالايمىقانچىلىقلارغا قارىتا، سودا-سانائەت ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلارمۇ قاتتىق زەربە بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»دا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدا، قانۇن بويىچە ئىجازەت ئېلىش مەجبۇرىيىتى ۋە تاۋار ياكى مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تىجارەتچىلەرنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى. بۇ شۈبھىسىزكى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچلۈك قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئىنتېرنېت تورىنىڭ قانۇننىڭ سىرتىدىكى جاي ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. مەيلى تور دۇكىنى بولسۇن ياكى تورسىرتىدىكى دۇكان بولسۇن، ھەرقانداق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيىتىدە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئاساسىي رامكىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.

  ياخشى بازار ئايلىنىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش بولسا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، سودىگەرلەر، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ پورت ئېغىزىدا باھانى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، «ئاۋۋال باھانى ئۆستۈرۈۋېلىپ ئاندىن باھانى چۈشۈرۈش»تەك نامۇۋاپىق رىقابەتنى چەكلەپ، باھادا ئالدامچىلىق قىلىشتەك ھەقىقىي ھالدا ساقلىنىۋاتقان قىلمىشلارنى چەكلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەرەپتىن تىجارەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، «كىرىش ئېغىزى»نى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، «چاتما جاۋابكارلىق»نى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك؛ ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى قەدىرلىشى، قانۇندىن ئىبارەت بۇ قورال ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشى، تاۋارنى «كىچىك» ۋە «ئاز» دەپ سەل قارىماسلىقى كېرەك.

  مەيلى ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىنىڭ سودىگەرلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى بولسۇن ياكى سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى بولسۇن، ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ پۈتكۈل ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ قائىدىسىنى قايتا بەرپا قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، قائىدە كەمچىل بولۇش ۋە ياۋايىلارچە ئۆسۈشتىن ئۆزگىرىپ سۈزۈكلىشىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا ئۆتۈشتە، بەلكىم ئۆزگەرتىش قىيىنچىلىقى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، پەقەتلا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئادىل بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، بازار رىقابىتىگە قاتنىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، تور بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىلا، پۈتكۈل ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسى تېخىمۇ ساغلام تەرەققىيات يولىغا ماڭالايدۇ.

  توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش ئۈچۈن، سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ۋە نازارەت قىلغۇچى ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان ئىستېمال مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالاقىدار يانداش قانۇن-نىزاملارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشى، توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئارزۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر