باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ياشلىق باھارىمىز بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتەيلى

__ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2019.04.30 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدىغان ئىز باسارلارنىڭ بارلىقىدەك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ياشلارنىڭ تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە ئىلھام بەردى.

  غايە يەلكىنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى سەمىمىي تاپىلاش

  __ باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياشلارغا كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، غەمخورلۇق قىلدى

  ئىللىق باھاردا ياشلىقنىڭ تومۇرىنى ئەڭ ھېس قىلالايدۇ. جۇڭنەنخەيدىن كەلگەن خەۋەر ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ياشلارنىڭ روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 19-ئاپرېل «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتى توغرىسىدا 14-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياشلارنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەكلىنى تەكىتلىدى.

  «پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىش __ ئەسلىي مەقسەتتۇر». جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ياشلار چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە باغلاش» تەشەببۇسىنىڭ ھەرىكەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

  2017-يىلى 4-ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، سودا-ئىقتىساد قانۇنى ئىنستىتۇتى ھەق تەلەپ تولۇق كۇرس 2-سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسى قانات يايدۇرغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تېمىسىدىكى ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپىلىشى جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەن خۇينىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىنى توغرا بېكىتەلەيمىز، ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشان تىكلىيەلەيمىز»، دېدى.

  ياشلىق غايىسى، ياشلىق ھاياتىي كۈچى، ياشلىق كۈرىشى جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنىڭ ھاياتىي كۈچى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىدىن ئىبارەت يىراق نەزەرنى چىقىش قىلىپ، ياشلار ۋە ياشلار خىزمىتى ئۈچۈن بايراقنى تىكلەپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر