باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بەزى مەڭنى قالايمىقان كوچىلىسا مەڭ ئاسانلا راكقا ئۆزگىرىپ قالىدۇ

2019.05.08 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مەڭ بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەڭنىڭ ئادەمگە زىيىنى يوق، يىل بويى تىنچ-ئامان ئۆتىشكە بولىدۇ، ئەمما بەزى مەڭ تۇيۇقسىز يامان سۈپەتلىك بولۇپ ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

  پىگمېنت مەڭ مېدىتسىنادا مەڭ ھۈجەيرىسى ياكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى مېڭى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئۈستكى تېرە قەۋىتى ۋە ھەقىقىي تېرە ئىچىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. كىشىلەردە ئادەتتە دائىم ئۇچرايدىغان قارا مەڭ، قوڭۇر مەڭ ۋە سېرىق مەڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىگمېنت مەڭ ھېسابلىنىدۇ. پىگمېنت مەڭنىڭ سىرتقى زەخىملىنىش، قايتا-قايتا سۈركىلىش ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە راكقا ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

  باشقا تېرە راكىغا سېلىشتۇرغاندا، قارا پىگمېنت ئۆسمىسى بولسا، بىر قەدەر «يامان» ئۆسمە بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولىدۇ ۋە ئاسان يۆتكىلىدۇ، ئۆلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر دەسلەپكى مەزگىلدە بايقىغىلى بولسا، مۇنتىزىم داۋالاش ئارقىلىق قارا پىگمېنت ئۆسمىسىنىڭ بەش يىللىق ياشاش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر ئاخىرقى مەزگىلگە توغرا كەلسە، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ، ياشاش نىسبىتى %10كە يەتمەيدۇ.

  كۆپ ساندىكى پىگمېنت مەڭ ئاستا ئۆسىدۇ ياكى ئۇدا نەچچە يىل ئۆزگەرمەيدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشكە تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، تەن ساغلاملىقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئادەتتە داۋالاش ھاجەتسىز، لېكىن، بەزى پىگمېنت مەڭگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئالدى بىلەن دىيامېتىرى 4 مىللىمېتىردىن ياكى 6 مىللىمېتىردىن يۇقىرى بولغان مەڭنى ئەگەر خالىغانچە تۇتۇپ كوچىلىسا، يامان خاراكتېرلىك قارا پىگمېنت ئۆسمىسى پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا، ئالاھىدە ئورۇندا ئۆسكەن مەڭ، مەسىلەن، بۇرۇن بوشلۇقى، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، ئالىقان، تاپان، ئۆكچە ۋە مەقئەت كۆپىيىش ئەزاسى قاتارلىق ئورۇنلارغا جايلاشقان پىگمېنت مەڭلەر دائىم سۈركىلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭدا ئاسانلا يامان ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، باش ۋە بويۇن قىسمىدا ئۆسگەن مەڭلەر ئۇزاق مۇددەت ئاپتاپقا قاقلىنىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى خەۋپىمۇ چوڭلايدۇ.

  ئەگەر بۇ ئورۇنلاردىكى مەڭ كۆلىمى ياكى ھەجمى تۇيۇقسىز چوڭىيىپ كەتسە ياكى يېقىندا تۇيۇقسىز رەڭگى قېنىقلىشىپ، قارىداپ كەتسە، مەسىلەن، ئەسلىدىكى قوڭۇر رەڭ تۇيۇقسىز قارىداپ كەتسە ياكى كۆك رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتسە؛ مەڭدىن تۇيۇقسىز قان چىقىپ يېرىلىپ كەتسە؛ قارا مەڭ ئەتراپىدا يېڭى قارا چېكىت پەيدا بولسا، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر