مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېفقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.05.07 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 6- كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ھاۋادا ئوت كېتىپ موسكۋادىكى شېرېمېتېۋو ئايرودرومىغا جىددىي قونغاندىن كېيىن ئوت تېخىمۇ ئۇلغىيىپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتىندىن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن دۆلىتىڭلاردىكى بىر ئايروپىلان موسكۋادىكى شېرېمېتېۋو ئايرودرومىغا جىددىي قونۇۋاتقاندا ئايروپىلانغا ئوت كېتىپ، ئېغىر تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كېلىپ چىققانلىقىدىن ھەيران قالدىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەمدە ئۆز نامىمدا قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلاردىن ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېفقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلاردىن ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ