مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.05.07 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا سىياسەت، تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئازايتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش؛ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككى يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكە چېگراسى ھەق ئېلىش پونكىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن يىل ئاخىرىغىچە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۈكى ۋە كارخانىلارنىڭ تەننەرخى يېنىكلىتىلىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجى كېڭەيتىلىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، ئېلىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنى توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھالدا تېز ھەق ئېلىش سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ، يىل ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىپ ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاپتوموبىلنى توختاتماي تۇرۇپ تېز ھەق تۆلەش سىستېمىسىنى يېقىن ئەتراپتا، قولايلىق، ھەقسىز ئورنىتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىككىنچى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول خىراجىتى ئومۇمىي يۈكىنى ئاشۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول خىراجىتى بويىچە ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش كېرەك. يېپىق ھالدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا ماس قەدەمدە ماشىنا توختاتماي تۇرۇپلا ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەسلىھە ۋە سىستېمىنى ئۆزگەرتىشنى قوللاش كېرەك. يېڭى ۋە تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشنىڭ "يېشىل يولى" قاتارلىق ھەقسىز بولۇش سىياسەتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا قارىتىلغان يول يۈرۈشنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەق ئېلىش خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىش ئورنىدىن قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ