باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى خەلق ئوبزورى: «يىراق مۇساپىلىك داۋالاش»نىڭ ئادىل ئۈنۈمىنى نامايان قىلدۇرايلى

2019.04.29 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەرچە يېزىلاردا ۋە چەت-ياقا جايلاردا بولسىمۇ، بىمارلار بىر كومپيۇتېر ۋە بىر تېلېكامېرا ئارقىلىق مۇتەخەسسىسلەرگە ھەر ۋاقىت توردا كېسەل كۆرسەتسە بولىدۇ، ئالاقە تورى چەت-ياقا رايونلاردىكى داۋالاش ئىشلىرىدا "ئېكران ئارقىلىق كېسەل كۆرسىتىش"نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇلتۇر، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «ئالاقە تورى بويىچە داۋالاشنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق ئۈچ پارچە ئالاقە تورى داۋالاش ساھەسىدىكى ئېغىر تىپلىق ھۆججەتنى ئېلان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەت بويىچە 3- دەرىجىدىكى A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى،ھەمدە مەملىكەت بويىچە بارلىق نامرات ناھىيە ۋە ناھىيە دوختۇرخانىلىرىنى قاپلاپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى يېزا ۋە كەنت دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا كېڭەيمەكتە .

  ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىلى بولمايدۇ. گەرچە دۆلەتنىڭ سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسى ئاساسىي قاتلامغا ئۈزلۈكسىز مايىللاشقان بولسىمۇ، لېكىن، شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كىچىكلىتىش تەس، بەزى جايلاردىكى پۇقرالار كېسەل كۆرسىتىشتە يەنىلا تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. كېسەل يىلتىزىنى يۇلۇۋەتمەي تۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتەك كونا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، چەت-ياقا ۋە نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ناھايىتى تەس.

  بۇ يىل مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ «مىنىستىرلار كارىدورى»دا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى: يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ قولايلىق بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، «ئالاقە تورى + داۋالاش»نىڭ دەسلەپكى مەقسىتى دەل ئالاقە تورى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرگۈزۈشتۇر. مۇنداق بىر دېلو مىسالى بار، نىڭشيادىكى ئالتە ياشلىق بىر قىز تەنتەربىيە دەرسىدە بەدىنى تۇيۇقسىز تارتىشىپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، بەدىنى ئىزچىل قىزىپ، كېسەللىك ئەھۋالى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەردىكى دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان، بۇ چاغدا يىراق مۇساپىلىك ئامبۇلاتورىيە ئارقىلىق پايتەخت تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى جايدىكى دوختۇرلار تەپسىلىي كېسەللىك ئەھۋالى ئارقىلىق كىچىك قىزغا داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش تېخنىكىسى زامان-ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ۋاقتىدا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، داۋالاش بايلىقىنىڭ ئادىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان.

  ئەمەلىيەتتە، چوڭ دوختۇرخانىلار ئادەتتە ئادەم بىلەن لىق تولغان، ئەمما كىچىك دوختۇرخانىلاردا ئادەم ئاز، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى دوختۇر بايلىقىدا. دوختۇر بولسا، داۋالاش سىستېمىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋە ئەڭ يادرولۇق بايلىقتۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ كەسپى تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كەسىپ ئەمەس. تېببىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى يېتەرلىك ئەمەس، لاياقەتلىك دوختۇر بولۇشتا قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش كەم بولسا بولمايدۇ. مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس كۇرس بويىچە تەربىيەلىنىشتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. 2009- يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، داۋالاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، زور مەبلەغ سېلىنمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. لېكىن، كۆپ مىقداردىكى داۋالاش ئۈسكۈنلىرى بىكار تۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولمىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %40كىمۇ يەتمەيدىكەن. «ئالاقە تورى + داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەردىكى ئەلا سۈپەتلىك دوختۇرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن توردا تۇتاشتۇرسا، قاتتىق دېتال شارائىتىنى ياخشىلاش ئاساسىدا يۇمشاق ماتېرىيال بايلىقىنى يېڭىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدا ئادىل تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش بولسا، كۆپ تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان لايىھەدۇر. يىراق مۇساپىلىك داۋالاش تېخنىكىسى كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇش سۇپىسى ئارقىلىق، چوڭ دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر توردىن پايدىلىنىپ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ۋە سوزۇلما كېسەللەرنى داۋالاشتا، بىمارلار چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ، ھەمكارلىشىپ كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇش پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، بىمار، دوختۇر ۋە مۇلازىمەتتىن ئىبارەت «ئۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ يىراق مۇساپىلىك ئامبۇلاتورىيىگە قاتنىشىپ، يەرلىك دوختۇرلار كەسپىي ئىقتىدارى تېز كۆتۈرۈلۈپ، يەرلىك دوختۇرخانىلار بىمارلارنى ئېلىپ قىلىپ كەسىپ مىقدارى كۆپەيتىلدى؛ بىمارلار پايپېتەك بولۇپ يۈرمەي، تېخىمۇ يۇقىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ۋاقىت، كۈچ ۋە پۇل تېجەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ئالاقە تورى + داۋالاش» بىر دوختۇرخانا بىلەن بىمار، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر