4-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوكتا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوڭدا) چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-ئاپرېل رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوكتا چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن بىلەن كۆرۈشتى. پۇتىن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى