باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

"كەپسىز بالا"نى تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىنىڭ نوپۇزى بىلەن خۇشاللىق تەربىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇقارشى ئىدىيەدىن بۆسۈپ چىقىش كېرەك

2019.04.23 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توردا يېقىندا بىر خىل خاتا ھالدىكى تەربىيەلەش ئۇسۇلى قىلمىشى تور ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، كىيىم مودىلى سۈرىتىگە چۈشىۋاتقان بىر قىزنى ئاپىسى نەق مەيداندا ئۇرغان. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈنۈشىنىڭ سىن ماتېريالى توردا تارقالغاندىن كېيىن، بۇ بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بەس-بەستە ئۇ ئايالنىڭ قىزىنى ئۇرغان بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، جامائەت پىكرى ئەكسىچە يەنە ھېلىقى بالا تېرىغان "كەپسىز بالا"نى ئەيىبلەشكە باشلىغان، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا "كەپسىز بالا'نى ئۇرۇپ تەربىيەلەپ قويغاندا ئاندىن ئۇ بالا ئوڭشىلىدۇ" دېگەن گەپلەرنى ئېنىقلا قىلغان. تورداشلار يەنە بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ شۇ "كەپسىز بالا'نىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىرىنىڭ ئۆكتەملىك قىلمىشلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ، جامائەت پىكرىنىڭ غەزىپىنى پەيدا قىلغان.

  بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمىغاندا، ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىش كېرەك؟ جەمئىيەتنىڭ بۇنداق مەسىلىگە بولغان قارىشى ئۇنچە ئېنىق ئەمەس.

  جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپ قارىشىدا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا نوپۇزىنى تىكلىشى، بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇلارغا تەن جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جازالارنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ، ھەمدە ئەگەر بۇنداق قىلمىسا، يەنى «بالا تەربىيىلەنمىسە، ئۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ سەۋەنلىكىدۇر» دەپ قارايدۇ. بالىلار ئادەتتە پەقەت جازادىن قورقىدىغان بولغاچقىلا، قائىدە بويىچە ئىش قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ شۇ ئارقىلىق «باشقۇرۇش»نىڭ مەقسىتىگە يېتىدۇ.

  ھازىرقى مائارىپ كۆزقارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر "پەقەت جازالاش ئارقىلىقلا تەربىيەلەش" تەك بۇ خىل ئەندىزىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلكىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتمەكتە. نەتىجىدە نۆۋەتتە "خۇشاللىق تەربىيىسى" ۋە "ماختاش ئارقىلىق تەربىيلەش" تەك توغرا ئۇسۇللار كەڭ تارقالماقتا. لېكىن، كىشىلەر يەنە مۇنۇلارنىمۇ دەرھال بايقىدىكى: ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئالدىدا نوپۇزىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، بالىلار بارغانسېرى گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتى ۋە شەخسىي ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى يېتىلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، "مۇۋاپىق دەرىجىدىكى تەن جازاسى" ۋە "مۇۋاپىق دەرىجىدە جازالاش" قاتارلىقلارنى ئويلىشىشتەك ئېقىممۇ قايتا كۆرۈلدى. بالىلارنىڭ "تەربىيەگە بويسۇنماسلىق" مەسىلىسىگە قارىتا، ئاتا-ئانىلار زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ كۆپرەك جازالاش كېرەكمۇ ياكى كۆپرەك كەڭ قورساقلىق قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلە ھەممە ئائىلىنىڭ قىيىن مەسىلىسىگە ئايلاندى.

  ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە بېرىشى كېرەكمۇ-يوق، دېگەن بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بولسا، "ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت"نىڭ ئىككى مەنبەلىك قارىمۇ-قارشى تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئالدىدا نوپۇزى بار ئەھۋال ئاستىدا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بالىلارغا تەنبىھ بېرىلسە، ئۇ ئۇلارنىڭ خاتا قىلمىشى ۋە كەمچىلىكلىرىگە قارىتا «بېسىم» پەيدا قىلالايدۇ، لېكىن، ئۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىراقلىشىشى، بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىش ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنداق قاراشلار باركى، ئۇ بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ نوپۇزى يېتەرلىك بولمىسا، پەقەت مەقسەتلىك ھالدىلا «خۇشاللىق تەربىيەسى» يولغا قويۇلسا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ يېقىن بولسا، ئائىلە كەيپىياتى تېخىمۇ دېموكراتىك بولسا، بۇنداق ئەھۋاللاردا بالىلارنىڭ ناچار ھەرىكەت ئادىتىنى تۈزىتىش تەس بولىدۇ، دەيدىغان بۇنداق قاراشتىن ئىبارەت. ئەمما، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنى ئۇلار پەقەت نوپۇز تالاشقۇچىلاردۇر، دەپلا قارايدىغان بۇ خىل تەپەككۇر جەزمەن ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئاتا-ئانىلارنى بالىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمەي قېلىشتەك تۇيۇق يولغا ئېلىپ بارىدۇ.

  بالىلارنىڭ خاتالىقى ئالدىدا، مەيلى قاتتىق مۇئامىلە قىلىش ۋە جازالاش بولسۇن، ياكى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ كۆرمەسكە سېلىش بولسۇن، ئۇنىڭ كەينىگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىدىغان بىر خىل ئېتىقادى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، بالا تېخى چوڭ بولمىدى، ئەقىل-پاراسىتى پىشىپ يېتىلمىدى، ئۇلارنىڭ خاتالىققا بولغان تونۇشى تامامەن ئېنىقسىز بولىدۇ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئارقىلىق ئۇلارغا كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسىلا كۇپايە قىلىدۇ، دەيدىغان بىر خىل ئېتىقادتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، بوۋاقلىق دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ مۇئەييەن لوگىكىسى بار، ھەرىكىتىنىڭمۇ مەلۇم سەۋەبى بار. ئۇلارنىڭ خاتا ئىش قىلىشى ئاڭسىزلىقتىن ئەمەس، ئۇنىڭدا مۇقەررەر ھالدا ئىچكى-تاشقى قوزغىتىش ئامىلى بولىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ھەرىكەت مۇددىئاسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، پەقەت نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشقا قارىتالا مۇلاھىزە يۈرگۈزسە، قاتتىق جازالاش ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشتەك مەسىلىدە بىرلىككە كېلەلمەسلىكتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  مەسىلەن، بۇلتۇر توردا تارقىلىپ يۈرگەن بىر ۋەقە مەلۇماتى، يەنى، بىر "كەپسىز بالا"نىڭ ناچار قىلمىشلىرى: ئۇنىڭدا، بىر بالىنىڭ ھامىلىدار ئايالنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولغانلىقى، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى يولۇچىلارنى تېپىش ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېگەندەك ئىشلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنى باشقۇرغاندا، بالىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ پەقەت ئاقىۋىتىنىلا كۆرسە، ئاقىۋەتنىڭ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئەلۋەتتە بالىسىنى ئۇرۇشى ياكى بىر نەچچە ئېغىز ئەدەبلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىسا، مەسىلەن: ئۇنىڭ باشقىلارنى ئىتتىرىشى ۋە تېپىشى پەقەت كەيپىياتنى چىقىرىش ئېھتىياجىدىن كەلدىمۇ-قانداق؟ ئۇنىڭ جامائەت ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى باشقىلارنى دوراشتىن بولدىمۇ-قانداق؟ دېگەندەك. ئاندىن مۇشۇ سەۋەبلەرگە قارىتا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، بالا ۋە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى تۈزەتكەندە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

  قاتتىق باشقۇرۇش بولسۇن، ياكى مۇلايىملىق بىلەن كەڭ قورساقلىق قىلىش بولسۇن، بۇلار پەقەتلا ۋاسىتە ۋە مەقسەت ئەمەس. ھەرقانداق تەربىيە ئۇسۇلىنى چۈشىنىش ئاساسىدا يولغا قويۇش كېرەك. بالىلارنى چوڭلار بىلەن باراۋەر ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى قەلب مۇساپىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا، مائارىپنىڭ «چىڭراق» ياكى «بوشراق» بولۇشتەك باش قېتىنچىلىقىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئۇلاردا ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە توغرا-خاتالىققا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئورتاق تونۇشىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ خاتالىقنى تۈزىتىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. پەقەت بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى توغرا ئېتىراپ قىلىدىغان ھەق-ناھەق قارىشى بولغاندىلا، ئاندىن كرىزىسنى شەكىلسىز ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر