باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان قىسمەن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2019.04.25 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇسى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- چېسلا خەلق سارىيىدا موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇسى بىلەن كۆرۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، تەرەققىيات سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ۋە سىجىلچان تەرەققىيات قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. موزامبىك قەدىمكى دېڭىز يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر بېكەت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتناشتى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول » ھەمكارلىق پىلانىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. يەنە داۋالىق تۈردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو-موزامبىك ئۆزئارا «يولداش ۋە ئاكا-ئۇكا» بولۇشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلغۇسى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغۇسى.

  شى جىنپىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- چېسلا خەلق سارىيىدا ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەزەربەيجان بولسا، جۇڭگونىڭ ياۋرو-ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ئەڭ بالدۇر ئاۋاز قوشقان ھەم ئاكتىپ قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو-ئەزەربەيجان ھەمكارلىقى بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قوللايدۇ، ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە يەرلىك ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى ئابى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- چېسلا خەلق سارىيىدا ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى ئابى بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېفىئوپىيە بولسا، جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئېفىئوپىيە بولسا، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەردۇر، ھەممىسى ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو ئېفىئوپىيە تەرەپنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئېفىئوپىيە بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىىنى ساقلاپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا چۈشىنىشنى ۋە قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ چوقۇم ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېفىئوپىيە تەرەپنىڭ سانائەتلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئېكسپورتتا تاشقى پېرېۋوت يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك؛ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئافرىقا تۇمشۇقى ۋەزىيىتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئەلۋەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەنسۇجى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- چېسلا خەلق سارىيىدا بىرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەنسۇجى بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر بوكۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت بىر دەريا سۈيىنى ئورتاق ئىچىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئەلۋەتتە بېرما بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ چوقۇم كېلەر يىلى جۇڭگو-بېرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى قاتلامدىكى ئالاقىلەر ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە تېخىمۇ مايىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرما دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىرما تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىنچلىق يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرمانىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى تىنچلىقى ۋە يارىشىشىدىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-بىرما چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال تەرتىپىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارد بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-چېسلا خەلق سارىيىدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارد بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لاگارد خانىم خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئورتاق قۇرۇشنى قوللىدى، جۇڭگو بۇنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىجابىي باھا بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشتى، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ ياقىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، بۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى توشىخىرو فۇتاماتا بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-چېسلا خەلق سارىيىدا ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش باشلىقى توشىخىرو فۇتاماتا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى نورمال يولغا قايتىپ، پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، تىنچلىق، دوستلۇق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو-ياپونىيە «ئۆزئارا تەھدىت پەيدا قىلماسلىق»، «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش، قارشى تەرەپنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئۆزئارا قوللاش»تەك سىياسىي ئورتاق تونۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشى كېرەك. جۇڭگو ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىگە داۋاملىق چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ياپونىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو ياپونىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئوساكا باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو-ياپونىيە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا، بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا دوستانە ئۇرۇق چېچىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر