باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.04.25 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، «شى جىنپىڭ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو چەت ئەل تىل- يېزىقى ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگو-چەت ئەل ئىدىيە-نەزەرىيە ساھەسى، تەرجىمە-نەشرىيات ساھەسى قاتارلىقلاردىن 200 نەچچە ۋەكىل پائالىيەتكە قاتناشتى.

  «شى جىنپىڭ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى مەركىزىي پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەھرىرلەپ نەشر قىلغان، بۇ كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى 9-ئايدىن 2018- يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى 42 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى، مەزمۇنى، نىشان يولى قاتارلىقلار چوڭقۇر شەرھلەنگەن. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى ئىدارىسى، چەت ئەل تىلى نەشرىياتى بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر