دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- ئاپرېل خەلق سارىيىدا، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو تەرەپ سەمىمىي، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق پائال قوللاپ، موڭغۇلىيە بىلەن بىرلىكتە توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى، دائىم بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان دوستلۇق ھەمراھى، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «تەرەققىيات يولى» بىلەن ئۇلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە-رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ سودا قۇرۇلمىسىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشى لازىم. چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن چېگرا بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە خادىملار ئالاقىسىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى چۆرىدەپ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش لازىم. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغدىشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى