باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىش

سەككىز ئۆلكە، شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2019.04.24 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە 3-تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىغان سەككىز ئۆلكە، شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خېبېي، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ 23-ئاپرېل ئۆز ئۆلكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. لايىھەدە مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2018-يىلى كۈزدە ئوقۇشقا كىرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسىدىن پايدىلىنىدىغان كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئالىي كەسپىي مائارىپ بويىچە تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى پۇختا يولغا قويۇلىدۇ. 2021-يىلىغا بارغاندا، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئالىدىغان، ئۇنىۋېرسال باھالايدىغان، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ.

  لايىھەگە ئاساسەن، سەككىز ئۆلكە، شەھەر «3 + 1 + 2» ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ: «3» مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەن تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى بولۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بېرىدۇ؛ «1» ئالدى بىلەن تاللانغان پەن بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىدا بېرىدىغان فىزىكا، تارىخ پەنلىرىدىن بىرنى تاللايدۇ؛ «2» قايتا تاللانغان پەن بولۇپ ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خىمىيە، بىيولوگىيە، ئىدىيە-سىياسىي، جۇغراپىيەدىن ئىبارەت تۆت پەندىن ئىككى پەننى تاللىسا بولىدۇ.

  2021-يىلىدىن باشلاپ، سەككىز ئۆلكە، شەھەردىكى يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان پەن نەتىجىسى ۋە ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىدا تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان پەن نەتىجىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تولۇق نومۇر 750 نومۇر بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ پەننىڭ ھەربىرىدە تولۇق نومۇر 150 نومۇر، ئومۇمىي نومۇر 450 نومۇر بولۇپ، دەسلەپكى نەتىجە بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىدىكى تاللاپ ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ فىزىكا ياكى تارىختا تاللىغان بىر پەندىكى تولۇق نومۇرى 100 نومۇر بولۇپ، دەسلەپكى نەتىجە بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئىدىيىۋى-سىياسىي، جۇغراپىيە، خىمىيە، بىيولوگىيەدىن ئىبارەت تۆت پەندىن تاللىغان ئىككى پەننىڭ ھەربىرىدە تولۇق نومۇر 100 نومۇر بولۇپ، دەرىجىگە قاراپ نومۇر بېرىش نەتىجىسى بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر