خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- ئاپرېل خەلق سارىيىدا، چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىلى يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تولۇق بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەمدە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتى ئۇزاق مۇددەت جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بىز باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە تۈرلەرنى بېكىتىپ، چىلى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سودىسى ۋە سېلىنمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، ئۇچۇر-ئالاقە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپنىڭ بۇ يىل ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك مەسلىكى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى