باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.04.25 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 24-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىدە ئىنسانىيەت ئىلغار ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگودىن كەلگەن بولۇپ، دۇنياغا مەنسۇپ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى. ئاقىللار ئامبىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. ئاقىللار ئامبىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئىدىيەۋى سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەشتە مەسلىھەت بېرىشنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىلىم-پەن ئالاقىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر