خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- ئاپرېل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە، ئېكسكۇرسىيىچىلەر 29- نۆۋەتلىك ئەبۇزەبى خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە كىتاب كۆردى. شۇ كۈنى 29- نۆۋەتلىك ئەبۇزەبى خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبى دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. ئەبۇزەبى خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى 1991- يىلى تەسىس قىلىنغان، ھەمدە ئەبۇزەبى ساياھەت-مەدەنىيەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان كىتاب كۆرگەزمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى