خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23- چېسلا چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات پائالىيىتىگە قاتناشتى.
چىڭداۋ ئاۋفەن مەركىزىي پىرىستانىدا، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شىنىڭ ناملىق پاراخوت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە خەۋەرلىشىش بايرىقىنى ئېسىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقىنى شامالدا لەپىلدەتمەكتە. 61 دۆلەتتىن كەلگەن دېڭىز ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى پاراخوتقا يىغىلىپ، خۇشاللىق پەيتىنىڭ كېلىشىنى ئورتاق كۈتتى.
سائەت 12دىن 40 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، شى جىنپىڭ چىڭداۋ ئاۋفەن مەركىزىي پىرىستانىغا كەلدى. ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاندىن شىنىڭ ئاۋىياماتكىسىغا چىقتى.
شۇ تاپتا، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 32 ئۇرۇش پاراخوتى ھەيۋەتلىك تىزىلىپ، كۈرەشچى ئايروپىلانلار كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇچماقچى بولۇپ، يىراق ئوكيان ئارقىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەن 13 دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 18 پاراخوتى رەتلىك سەپ تۈزۈپ چىقتى.
سائەت 14 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاۋىياماتكىلار بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلدى. دېڭىز ئارمىيە قوماندانى شېن جىنلۇڭ پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنىڭ تەييارلىقى تاماملانغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. جۇشقۇن «پارات مارشى» دېڭىزدا ياڭرىدى.
ئاۋىياماتكىسى سۇ ئاستى كېمە توپى، قوغلىغۇچى پاراخوت توپى، قوغدىغۇچى پاراخوت توپى، قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى توپى، ياردەمچى پاراخوت توپى ۋە ئاۋىياماتكا توپى دولقۇن يېرىپ كەلدى. پاراتتىن ئۆتكەن ئايروپىلانلار گۈركىرىشىپ ئاسمانغا چىقىشتى .
1949- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى جياڭسۇنىڭ تەيجۇ بەيمامياۋدىن يولغا چىققان خەلق دېڭىز ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يول بويى دولقۇن يېرىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان دېڭىز قوراللىق كۈچىگە ئايلاندى.
ئاۋىياماتكا توپى پاراتتىن ئۆتكەندە، بىر ئۇزۇن پۈشتەك بىلەن تەڭ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەتلىك تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى، ھەمدە،"يولداشلار، ياخشىمۇسىلەر!"،"رەئىس، ياخشىمۇ سىز!"،"يولداشلار، جاپا چەكتىڭلار !"، "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز !" دېگەن سالام سۆزلىرى بىلەن ئۆزئارا سالام بېرىشتى. دېمەك، شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ جاراڭلىق جاۋابى بىلەن بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، قوماندان بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قەلبى زىچ باغلانغان.
يېڭى بىر دەۋر، يېڭى بىر مۇساپە. شى جىنپىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى كۆپ قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، "تىرىشىپ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش" چاقىرىقىنى چىقاردى. خەلق دېڭىز ئارمىيىسى يېڭى قىياپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى