باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

4-ماي روھىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇنىڭ دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش لازىم

2019.04.24 15:47   مەنبە: خەلق تورى

4-ماي روھىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇنىڭ دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش لازىم

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېكسكۇرسىيىچىلەر كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە. شۇ كۈنى «ئۇلۇغ ئويغىنىش: «4-ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ماتېرىياللىرى كۆرگەزمىسى» شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىغىن ئورنى خاتىرە سارىيىدا باشلاندى. كۆرگەزمە «مىڭ يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش»، «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى سۆيۈش چوڭ بوران-چاپقۇنى»، «مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ۋەقە»دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 120دىن ئارتۇق قىممەتلىك ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  4-ماي − روھى 4-ماي ھەرىكىتى ياراتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 14- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا تەكىتلەپ: 4-ماي روھىنىڭ دەۋر قىممىتىگە بولغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە 4-ماي روھىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش كېرەك، دېدى.

  4-ماي روھىنى تەتقىق قىلىشنى مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇنقى باھاردا، 4-ماي ھەرىكىتى خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك قاراڭغۇ كېچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن مىليونلىغان روھنى ئويغاتتى. 4-ماي ھەرىكىتىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بېيىش، قۇدرەت تېپىش مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلىدى. كەڭ ياشلار پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن بىللە مېڭىپ، دۆلەت، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ياشلىق باھارىغا يارقىن نۇرلارنى ئۇرغۇتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھى بىر مىللەتنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر؛ 4-ماي ھەرىكىتى تەشەببۇس قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، تەرەققىيات، دېموكراتىيە، ئىلىم-پەن ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ روھنى تەتقىق قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ۋەتەننى سۆيۈپ، ئىرادىنى ئۇرغۇتۇپ، راستچىل بولۇپ، تىرىشىشىمىز كېرەك.

  4-ماي روھىنى تەتقىق قىلىشنى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا ياراتقان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ ئويغىنىشى ۋە چۇقان سېلىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن مىللىي روھىنى ئويغاتتى. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىدە بارلىققا كەلگەن ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتكە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئادەمدە روھ بولمىسا بولمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا كۈچلۈك بولمايدۇ. روھ بىر مىللەتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى جېنى، پەقەت مەنىۋى جەھەتتە مەلۇم يۈكسەكلىككە يەتكەندىلا، بۇ مىللەت تارىخىي ئېقىندا قەد كۆتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو مىسلىسىز پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە، شۇنداقلا مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. 4-ماي روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەربىر ئادەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئىش ئورنىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  بۇ يىل 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى. ھالقىلىق پەيتتە تارىخقا نەزەر سېلىش كەلگۈسىنى قۇچاقلايدىغان ئەڭ ياخشى قىياپەت. 100 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان يىللارنى ئەسلەپ، ھازىرقى جۇڭگوغا تەۋە ياشلىق ئەسلىمىلىرىنى ئويغاتتۇق، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ۋارىسلىق قىلىش ئەڭ ياخشى خاتىرە، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق. ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان دەۋر نۇرى چاچقۇزغاندا، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار ئىنتىلگەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سەككىز ئۆلكە، شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى 
    ·"كەپسىز بالا"نى تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىنىڭ نوپۇزى بىلەن خۇشاللىق تەربىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇقارشى…
    ·ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟
    ·ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى: ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى بۇ ئېتىبار بېرىش سىيا…
    ·شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تەلەپلىرى ئ…
    ·بېيجىڭ شەھىرىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 59 مىڭ 209غا يەتكەن
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلى…
    ·2019- يىللىق ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىدۇ 
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ
    ·ئاممىۋى سەنئەت دەرسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلىدۇ