باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2019.04.23 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خىزمەتتە، ئومۇمىي نىشان بىلەن يەككە نىشاننىڭ مۇناسىۋىتىنى، مۇتلەق ئۆلچەم بىلەن نىسپىي ئۆلچەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى، مىقدار ئانالىزى بىلەن سۈپەت ھۆكۈمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىلمىي باھالاش ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ۋە چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقىش كېرەك، بۇنىڭدا ئاساسلىقى قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ نامرات ئاھالە، ئېغىر نامرات رايونلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەر روشەن بولۇپ، خىزمەت سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش __ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئۇنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك. ۋەزىپە تەقسىماتى، دوكلات قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار يىغىننىڭ روھى ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، شوئارنى بولۇشىغا توۋلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ساختىپەزلىك قىلىش، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 22-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش مەسىلىسى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، دۇچ كەلگەن كەمتۈكلۈك مەسىلىسىنى توغرا تونۇپ، دىققەتنى ئاجىز نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. مەسىلىنى دادىل ھەل قىلىپ، مەسىلىنى يېشىشكە ماھىر بولۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى ۋە يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بەزى كەمتۈكلۈكلەر بار، بۇنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. خىزمەتتە، ئومۇمىي نىشان بىلەن يەككە نىشاننىڭ مۇناسىۋىتىنى، مۇتلەق ئۆلچەم بىلەن نىسپىي ئۆلچەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى، مىقدار ئانالىزى بىلەن سۈپەت ھۆكۈمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىلمىي باھالاش ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ۋە چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقىش كېرەك، بۇنىڭدا ئاساسلىقى قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ نامرات ئاھالە، ئېغىر نامرات رايونلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەر روشەن بولۇپ، خىزمەت سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر