باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

(جاھاندىكى شەخسلەر)

زېلېنسكىي: كىنودا زۇڭتۇڭ رولىنى ئېلىشتىن تارتىپ ھەقىقى زۇڭتۇڭ بولغىچە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن پىڭ

2019.04.23 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كومېدىيە ئارتىسى زېلېنسكىي 21-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلىشىدا، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغان. ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى پوروشېنكو مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  خەلق ئاممىسى بۇ يېڭى سىياسىي كىشىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى ئىلگىرى «زۇڭتۇڭ»نىڭ رولىنى ئالغانغا ئوخشاش ئۇكرائىنا سىياسىي سەھنىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئېغىر ئىللەتلەرنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ياخشى كىشىنىڭ «رولىنى ئېلىپ» تونۇلۇش

  زېلېنسكى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك قاتارلىق غەرب سىياسىي ئەربابلىرى بەس-بەستە تەبرىكلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى خۇنتنىڭ تەبرىكلىشى ئەڭ «ئۆزگىچە» بولدى. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، زېلېنسكى «خەلقنىڭ چاكىرى» ناملىق ھەجۋىي كومېدىيەنىڭ رولىنى ئالغان، «سىز ئەمدى ھەقىقىي خەلقنىڭ چاكىرى بولۇپ قالىدىغان بولدىڭىز»، دېدى.

  بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن زېلېنسكىي ئادەتتىكى زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئالىي مەكتەپتە قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش-تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەدرىجىي ئۇكرائىنانىڭ داڭلىق ئارتىسى، تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسىگە ئايلانغان. 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان «خەلقنىڭ چاكىرى» ناملىق ھەجۋىي كومېدىيە ئۇنىڭ نامىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. زېلېنسكىي تىياتىردا بىر قەيسەر تارىخ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رولىنى ئالغان، زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن چىرىكلىك ۋە دوكار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەن.

  بۇلتۇر يېڭى يىل كېچىسى زېلېنسكىي تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 1-ئايدا ئۇكرائىنا خەلق چاكىرى پارتىيەسى زېلېنسكىنى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا رەسمىي كۆرسەتتى. دەسلەپتە، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سىياسىي تەجرىبىسى يوق بۇ ئارتىسقا ئانچە ئېتىبار قىلمىدى، ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنى كەسپىي ئەمەس، دەپ تەنقىت قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى باشتىن-ئاخىر كۆزگە تاشلىنىپ تۇردى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن، زېلېنسكىنىڭ قوللاش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، زۇڭتۇڭ پوروشېنكو بىلەن سابىق زۇڭلى تىموشېنكودىن ئىبارەت بۇ ئىككى سىياسىي ساھەدىكى پېشقەدەم گېنېرالنى ئارقىدا قالدۇردى.

  سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنىڭ كەسىپچانلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، زېلېنسكىي 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى دانىليۇك، سابىق ئىقتىساد تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرى ئابروماۋىچۇس قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سايلام ئۆمىكىگە قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى.

  زېلېنسكىي سايلام رىقابىتىدە كونكرېت سىياسىي پىروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش»، «ئۆزگىرىش» قاتارلىق شوئارلىرى سايلىغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. سىياسىي سەرخىللاردىن بىزار بولغان ئۇكرائىنا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زېلېنسكىي سىياسىي سەھنىگە يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

  زېلېنسكى مۇنداق دېدى: ئەگەر سايلانسام، كېلەر نۆۋەت داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈمەيمەن، پەقەت دۆلەتنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، ئاندىن يېڭى بىر ئۇكرائىنانى ئىز باسارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

  ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش شۇنداقلا زېلېنسكىنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى. سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، ئۇ كۆرۈنمە چاستوتا تور بېكىتىدە قەرەللىك كۆرۈنمە چاستوتا يوللاپ، ئېقىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي قارىشىنى ئىپادىلىگەن.

  سىياسەت يۈرگۈزۈشتە قىيىن مەسىلىلەر كۆپ

  2013-يىلى ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ۋە ئىجتىمائىي ئەلرايىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش بولدى. مەيلى كىم تەختكە چىقىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇكرائىنا بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش چوقۇم ئورۇندىمىسا بولمايدىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ، بۇ نۇقتىدىن زېلېنىسكىمۇ ئوخشاشلا ساقىت بولالمايدۇ. شۇنداقلا رۇسىيەگە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە، سىياسىي ئەربابلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمايدۇ.زېلىنىسكى ئىلگىرى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا رۇسىيەنىڭ باش رەھبىرىنى مەسخىرە قىلغان ۋە ئۇنى دورىغان ھەم شۇنداقلا ئۇكرائىنا ئوڭچىل رادىكاللىرىنى ئىقتىساد جەھەتتىن قوللىغانلىق سەۋەبىدىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. بەلكى سايلامغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى «پۇتىنغا قارشى تۇرغۇچى» پوروشېنكوغا قارىغاندا بىر قەدەر سىلىق بولغان.

  پوروشېنكو ئىلگىرى ئوچۇق نۇتۇق سۆزلەشتە زېلىنسكىنى رۇسىيەگە قارىتا ئىنتايىن يۇمشاق مۇئامىلە تۇتىدۇ، دەپ مەسخىرە قىلغان. ھەتتا ئۇنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تىزلىنىدۇ، دېگەن. زېلىنسكى سۆز قايتۇرۇپ: «ئۇكرائىنا تىزلانمىسىلا، مەن تىزلانسام بولىدۇ» دېگەن.

  ئۇكرانىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسى يەنىلا زېلىنىسكىنىڭ سىياسەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن يولۇقىدىغان بىر قىيىن مەسىلىسى. زېلىنىسكى سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمى مەسىلىسى توغرىسىدا پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق مىنىسكى شەرتنامىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە ئەسىرگە چۈشكەن ھەربىيلىرىنى تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا ياندۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر