باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 30-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

ئالاقىدار تەكلىپ ۋە لايىھىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2019.04.23 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي يىغىنغا سودىيە قانۇنى، تەپتىش ئەمەلدارى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات بەردى؛ بىناكارلىق قانۇنى قاتارلىق سەككىز قانۇننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يېسۈي يىغىنغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن باربادوسنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىم»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغان كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇنىڭ يىغىنغا بەرگەن خې يىچېڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىدىن ئىستېپا بېرىش تەلىپىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش تەكلىپىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى تەكلىپ لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇش نۇسخىسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر