خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئاپرېل، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش جۇڭگو-چەت ئەل دېڭىز ئارمىيەلىرى بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر كۆرگەزمىسى شەندۇڭنىڭ چىڭداۋدىكى «4-ماي» مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر كۆرگەزمىسى «دېڭىز مۇزىكىسى. تىنچلىق سىمفونىيەسى»نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، «تىنچلىق دېڭىزى»، «تىنچلىق قوشۇنى»، «تىنچلىق ناخشىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. جۇڭگو، تايلاند، ۋىيېتنام، باڭلادىش، ھىندىستاندىن كەلگەن دېڭىز ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرلىرى سەھنىگە چىقىپ، كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئورۇنلىدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، چىڭداۋ شەھىرى ئاھالىلىرىدىن 1200دىن ئارتۇق كىشى ئويۇننى كۆردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى