ئاخبارات مەركىزىنىڭ تاراتقۇلار ئاممىۋى خىزمەت رايونى (23-ئاپرېل فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، 4-ئاينىڭ 23- كۈنى، دۆلەت يىغىن مەركىزىگە جايلاشقان مۇنبەر ئاخبارات مەركىزى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاخبارات مەركىزىدە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى، تاراتقۇلار ئاممىۋى خىزمەت رايونى، تاراتقۇلار مەخسۇس خىزمەت رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش رايونى، MCR ھەرىكەت رايونى، مەدەنىيەت كۆرگەزمە رايونى، يۈرۈشتۈرۈش كاپالىتى ئىش بېجىرىش رايونى، تاراتقۇ يېمەك-ئىچمەك ۋە چاي ئىچىش، دەم ئېلىش رايونى قاتارلىق سەككىز چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى