باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2019.04.23 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خەلق دېڭىز ئارمىيەسى ئالغا ئىلگىرىلىدى، شانلىق مۇساپىگە پارتىيە يېتەكچىلىك قىلدى.

  70 يىل قان كېچىپ شەرەپ كەلتۈردى، 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. خەلق دېڭىز ئارمىيەسى 1949-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يول بويى دولقۇن يېرىپ، 10 مىڭ چاقىرىملىق دېڭىز چېگراسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، دېڭىز-ئوكياننى باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا چوڭ قەدەم بىلەن يېتىشىۋېلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەش چوڭ ئەسكەر تۈرى تولۇق، يادرو ۋە ئادەتتىكى كۈچى تەڭ ھازىرلانغان ئىستراتېگىيەلىك ئارمىيە تۈرىگە ئايلاندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقىرىپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىگە زور ئۈمىد باغلاپ، چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، تارىخىي ھالقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

  يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن پىلان سىزىش

  مىڭلىغان يەلكەنلەرنى ئوكيانغا يېتەكلەش

  «دېڭىزغا قاراپ تەرەققىي قىلغانلار گۈللىنىدۇ، دېڭىزغا قارشى تۇرغانلار زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، دېڭىزنى تىزگىنلىمىگەندە، چوقۇم دېڭىز تەرىپىدىن تىزگىلىنىدۇ». بۇ، تارىخنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بەرگەن مەڭگۈ ساۋىقىدۇر – 1840-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان 100 نەچچە يىل ئىچىدە، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر جەمئىي 470 نەچچە قېتىم دېڭىزدىن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.

  «دېڭىز ئارمىيەسى بولمىسا، دېڭىز مۇداپىئەسىنى قوغدىيالمايمىز». يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدا، ماۋ زېدۇڭ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى نەزىرىنى دېڭىزغا قارىتىپ، دېڭىز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇش توغرىسىدا جاپالىق ئىزدەندى.

  1949-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى شىبەيپودا يىغىن ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ تەييارلىغان «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە پارتىيەنىڭ 1949-يىلىدىكى ۋەزىپىسى» نى ماقۇللاپ، «دېڭىز بويى، دەريا بويىنى قوغدايدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي جۇڭگو ھەربىي رايونى دېڭىز ئارمىيەسى جياڭسۇ تەيجۇنىڭ بەيمامياۋدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. 8-ئاينىڭ 28- كۈنى ماۋ زېدۇڭ شەرقىي جۇڭگو ھەربىي رايونى دېڭىز ئارمىيەسىگە: «بىز چوقۇم بىر دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىز مۇداپىيەرىمىزنى قوغداپ، جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىيەلىنىشى كېرەك»، دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تاشلىنىپ قالغان ئىشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. 1952-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، ماۋ زېدۇڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيەسىنى قەدەممۇ قەدەم قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. 1953- يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، ماۋ زېدۇڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى تۇنجى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەربىي پاراخوتقا ئولتۇرۇپ تۆت كۈندۈز، ئۈچ كېچە يۈرۈپ، «چاڭجياڭ»، «لوياڭ»، «نەنچاڭ»، «خۇاڭخې»، «گۇاڭجۇ»دىن ئىبارەت بەش ھەربىي پاراخوتقا بېغىشلىما يېزىپ بەردى، ھەممىسى ئوخشاشلا «جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇشىمىز كېرەك»، دېگەن مەزمۇندا ئىدى. 1959-يىلى ماۋ زېدۇڭ قەتئىيلىك بىلەن: «يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى 10 مىڭ يىل كەتسىمۇ ياساپ چىقىش كېرەك!»، دەپ قارار قىلدى. دۆلەت قۇرۇش داھىيسى تەسۋىرلىگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن قۇدرەت تېپىش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر