باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەدەنىي، ئەقلىي چولپان قوغلىشىش − لاياقەتلىك مەستانىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقتۇر

2019.04.23 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شاڭخەيدىكى «خۇڭچياۋ ئايرودرومىدا مەستانىلەر قىستىلىشىپ، ئەينەكلەرنى چېقىۋەتتى» دېگەن تېما ناھايىتى تېزلا مىكرو بىلوگنىڭ كۆپ ئىزدەلگەن تېمىسى قاتارىغا چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە جەمئىي ئون نەچچە چولپان خۇڭچياۋ ئايرودۇرۇمىغا كىرىپ-چىققان، ئەڭ بۇرۇنقى مەستانىلەر ئەتىگەن سائەت 10دىن ئاشقاندا كېلىپ ساقلاپ تۇرغان، پۈتكۈل ئاۋىياتسىيە بىناسىدا كىچىك ئوغۇل-قىزلار توپلانغان بولۇپ، نەق مەيدان خۇددى چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا ئوخشاپ قالغان، يوللار قىستاڭچىلىقتا توسۇلۇپ كېتىپ، ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىدىكى ئەينەكلەر چېقىلىپ كەتكەن، بەختكە يارىشا ھېچكىم يارىلانمىغان.

  ئايرودۇرۇم − ئايروپىلان ئۇچۇش- قونۇش ئورنى بولۇپ، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى مۇھىم ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەسى، لېكىن بەزى ياشلارنىڭ تەبىرىدە، ئايرودۇرۇم ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان جاي بولماستىن، بەلكى چولپان قوغلىشىدىغان جاي بولۇپ قالغان. چۈنكى، چولپانلار سەپەرگە چىققاندا كۆپىنچە ئايروپىلانغا ئولتۇرغانلىقتىن، ئايرودۇرۇم ئويلىمىغان يەردىن چولپان قوغلىشىدىغان جاي بولۇپ قالغان، يېقىن ئارىلىقتىن چولپانلارنى كۆرۈۋالماقچى بولغان تەلۋە مەستانىلەر يىراقتىن بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن چىرقىرىشىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەستانىلەرنىڭ ئايرودۇرۇمدا ئالدىغا چىقىش-ئۇزىتىپ قويۇش ئەھۋالى دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى، پايتەخت ئايرودۇرۇمىنىڭ T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىنى مىسالغا ئالساق، بەزىلەرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2017-يىلى مەستانىلەرنىڭ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئەھۋالى 20 قېتىمغا يەتكەن. ئايرودۇرۇمغا يىغىلىپ كۈتۈۋېلىشتىن باشقا، يەنە ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ئۇچۇش جەريانىدا بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈمچىگە كىرىۋېلىش، ئايروپىلاندا يۈگۈرۈپ چولپان قوغلىشىش قاتارلىقلارمۇ دائىم ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى، ئاۋىياتسىيە تەرتىپىنىڭ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن.

  ئايرودۇرۇمدا چولپان قوغلىشىش بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماي، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكتىن، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مەخسۇس «مەستانىلەرنىڭ ئايرودۇرۇمدا ئالدىغا چىقىش، ئۇزىتىپ قويۇش، ئايروپىلاندا ئەگىشىش ھادىسىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، داڭلىق يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛ ئايرودۇرۇم تەرتىپىنى كۈچەيتىپ، مەستانىلەرنىڭ كۆپلەپ يىغىلىشىدىن ساقلىنىش؛ مەستانىلەرنىڭ ئايروپىلاندا تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا، جازالاش كەم بولغانلىقتىن، ئانچە بەك چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىدى، ئايرودۇرۇمدا چولپان قوغلىشىدىغان قالايمىقانچىلىقلار ھەقىقىي ئۆزگەرمىدى، قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئەقلىيلىكى يېتەرلىك بولمىغان مەستانىلەر توپى ھېلىھەم جامائەت تەرتىپى ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كۆزگە ئىلمايۋاتماقتا.

  چولپانلارنى قوغلىشىدىغان بۇ مەستانىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىللەنگەن بولۇپ، مەستانىلەر تەشكىلاتىغا كىرىپ، چولپانلارنىڭ ھەرىكىتىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئىز قوغلايدۇ، توپ ئىچىدە بىر بۇيرۇق چۈشسىلا، دەرھال ماسلىشىپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، تەشكىللەش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  ئايرودۇرۇمدا چولپان قوغلىشىشقا ئوخشاش قالايمىقان كۆرۈنۈشلەرنى، بەزى چولپانلارنىڭ ۋاستىچىلىك كوللېكتىپىنىڭ چولپاننىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۈنئىي ئېلىپ بارغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە ئەيىبلەش كېرەك، چولپانلار ۋاسىتىچىلىك كوللېكتىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەستانىلەرنىڭ چولپانلارنى قوغلىشىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارىدا ھەرىكەت قىلىپ، ئايرودۇرۇمدا چولپان قوغلىشىدىغان ئاتالمىش زىلزىلە پەيدا قىلىش ئۈنۈمىنى قوغلاشقان بولسا، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  چولپان قوغلىشىش مەدەنىيىتى كۆڭۈل ئېچىش كەسپىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن، بىنورمال دېگىلى بولمايدۇ. كىم ياش ۋاقتىدا ساراڭ بولۇپ باقمىغان. يەككە شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، چولپان قوغلىشىش ئەلۋەتتە شەخسنىڭ ئەركىنلىكى، لېكىن ئەقىلىي بولۇشى كېرەك، ھېچ بولمىغاندا جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، چولپان قوغلىشىش تەننەرخىنى ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئايرودۇرۇم ۋە باشقا يولۇچىلارغا ئارتىپ قويۇشقا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئايرودۇرۇمدا چولپان قوغلىشىدىغان ئەسەبىي مەستانىلەر ئۆزىنى «سادىق چوقۇنغۇچى» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «چولپاننى سەتلەشتۈرگۈچى مەستانە» رولىنى ئويناپ، جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، چولپانلارنىڭ ئوبرازىغىمۇ زىيان يەتكۈزمەكتە.

  ئايرودۇرۇم چولپان قوغلىشىدىغان جاي ئەمەس، مەدەنىي، ئەقلىي ھالدا چولپان قوغلىشىش بىر لاياقەتلىك چوقۇنغۇچىدا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك ئەخلاق. شۇنى بىلىش كېرەككى، چولپان قوغلىشىشمۇ ئۆزىنى قوغلاشقانلىق، ئۆز غايىسىدىكى مەلۇم خىل كىشى ئوبرازىنى قوغلاشقانلىق بولۇپ، رېئال دۇنيادا پەقەت ئەمەلگە ئاشمايدىغان مەلۇم بىر خىل ئارزۇنى قوغلاشقانلىق بولىدۇ. ئەگەر چولپان قوغلاشقانلىق سەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ، ئاممىۋى قائىدىنى كۆزگە ئىلمىسا، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزگە ئىلمىسا، قوغلاشماقچى بولغان يارقىن نۇقتىغا يېتەلمەيلا قالماستىن، يەنە ئۆزى يەتمەكچى بولغان تېخىمۇ ياخشى ئادەمگە ئايلىنالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر