باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئىنتېرنېت تورى+تەكشۈرۈش» سۇپىسىنى يولغا قويدى

2019.04.23 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىگە قولايلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا گوۋۇيۈن «ئىنتېرنېت تورى+تەكشۈرۈش» سۇپىسىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتىن تۆت جەھەتتىكى مەسىلىگە قارىتا يىپ ئۇچى ياكى پىكىر-تەلەپلەرنى يىغدى، بۇ تۆت تۈرلۈك مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك ياكى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك مەسىلىسىگە ئائىت يىپ ئۇچى؛ ئىككىنچى، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، ئادا قىلىشى ئاستا بولۇش ياكى قالايمىقان ئادا قىلىشتەك مەسىلىلەرگە ئائىت يىپ ئۇچى؛ ئۈچىنچى، سىياسەت-تەدبىرلەر ماسلاشماسلىق، يۈرۈشمەسلىك، مۇكەممەل بولماسلىق سەۋەبىدىن بازار ئىگىلىكى ۋە خەلق ئاممىسىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەرگە ئائىت يىپ ئۇچى؛ تۆتىنچى، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشىلاشقا بولغان پىكىر-تەكلىپلەر.

  كارخانا ۋە ئامما جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى (www.gov.cn) غا چىقىپ ياكى گوۋۇيۈەن ئابونت تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ، گوۋۇيۈننىڭ «ئىنتېرنېت تورى+تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش» مەخسۇس سەھىپىسىگە كىرسە بولىدۇ، يەنە شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا كىرىپ، گوۋۇيۈەن «ئىنتېرنېت تورى+تەكشۈرۈش» كىچىك سىستېمىسىغا كىرىپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسە، مەسىلىنى ئىنكاس قىلسا، پىكىر-تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تاپشۇرۇۋالغان مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى رەتلەپ چىقىپ، يەرلىكنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى ياكى تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئومۇميۈزلۈك خاراكتېرگە ئىگە مۇھىم مەسىلە يىپ ئۇچىنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بىۋاسىتە خادىم ئەۋەتىپ تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق راست ۋە بىر قەدەر تىپىك بولغان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر