باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ زىيارىتى

يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى

2019.04.24 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى»دا زىيارەت تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى 22- چېسلا رەسمىي باشلاندى. 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 30 نەچچە مۇخبىر 9 كۈن ئىچىدە شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىگىلىمەكچى بولدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بولسا، ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ كېسىپ ئۆتىدىغان جايىدۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ داۋاملىق تۈردە رايون خاراكتېرلىك قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن ـ مائارىپ مەركىزى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق مەركەزلەرنى پائال تۈردە قۇرۇپ چىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان مۇخبىرلار ئامېرىكا، بېلگىيە، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىكەن. ئۇلار ئۈرۈمچى، سانجى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، دىننى قوغداش، يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، قوش تىل مائارىپى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەنمەكچى بولدى.

  «ئافغانىستاننىڭ كۈندىلىك كۆزىتىش گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سەئىد خوجىلاد چىيا بولسا، ئىككىنچى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە بولغان تەسىرى ياخشى بولغان. ئۇ،"بۇ بىر مەدەنىي ۋە ئېچىۋېتىلگەن شەھەر ئىكەن، بۇ يەردە كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەتنى كۆرگىلى بولىدىكەن، دېدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا، سەيىد خۇجالاد چىيا مەشرەپ ئويناۋاتقان كىشىلەر توپى تەرىپىدىن جەلپ قىلىندى، ئۇ، بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە كىشىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن، بۇ ناھايىتى ياخشى بىر ئىش، دېدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان غەربىي يۇرت قۇرۇق جەسەتلىرى ئىسرائىلىيە مۇخبىرى ئېرىس لىنئېننى ھەيران قالدۇردى. ئۇ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە شۇنچە كۆپ ئارخېئولوگىيە بايلىقىنى قېزىپ، يەنە ئۇنىڭ ئىپتىدائىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئىش، دېدى.

  ئون ئىككى مۇقام بولسا، قويۇق ئۇيغۇر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئۇ، ناخشا ئېيتىش، چالغۇ چېلىش ۋە ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سەنئەت شەكلىدۇر. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى يىراقتىن كەلگەن مېھمانلار ئۈچۈن بىر مەيدان ئەينەن سەنئەت زىياپىتى تەييارلىدى. ھەيۋەتلىك مۇزىكىلار ۋە ئارتىسلارنىڭ كەسپى ئورۇنلىشى ھىندىستان مۇخبىرى شەيخ مەنسۇرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا پۇخادىن چىقمىغان.

  شەيخ مەنسۇر بىر ئارتىسنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دەپ سورىدى: يەنە بىر ناخشا ئېيتىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ ئىككى مىنۇت بولسىلا بولىدۇ. شۇنداق ئېسىل ئويۇننى قانچىلىك كۆرسەممۇ تويمايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر