باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرى پۇختا ئەمەلىيلەشتى

باشلىقلار مۇنبىرى ئەتە ئېچىلىدۇ، يەر شارىنىڭ نەزىرى بۇ مۇنبەرگە تىكىلىدۇ

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى لى جېن

2019.04.24 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 25-ئاپرېل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلغاندا، جۇڭگو يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى، مۇھىم تەدبىرلەرنى ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىپ، سىياسەت ئالاقىسى، ئەسلىھەلەرنى بىرلەشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈردە جەمئىي 279 تۈرلۈك كونكرېت نەتىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشلىقلار مۇنبىرى نەتىجىلىرى تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ 269 تۈرلۈك نەتىجىسى تاماملانغان ياكى دائىملىق خىزمەتكە ئۆزگەرتىلگەن، 10 تۈر ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىسبىتى %96.4 كە يەتكەن.

  ياخشى سىياسەت ئالاقىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سىياسەت ئالاقىسى جەھەتتە، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى ۋە ئالاقە ئىشخانىسى رەسمىي قۇرۇلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىمۇ ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2018-يىلى 12-ئايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  يەر شارى 2-نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنى كۈتمەكتە

  2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشنى پائال تەلەپ قىلدى. ھازىرغا قەدەر، پورتۇگالىيە، ئاۋسترىيە، چىلى قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتارلىقلار 2-نۆۋەتلىك مۇنبەر يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرىمۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ياپونىيە، كورېيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ رەھبەرلەر ھاۋالە قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنى يىغىنغا قاتناشتۇرىدۇ.

  مۇنبەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 150 نەچچە دۆلەت ۋە 90 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 5000 غا يېقىن چەت ئەللىك مېھمان يىغىنغا قاتنىشىشنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 360 نەچچە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار، 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بار. يەنە 4100 دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى يىغىنغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى دۇنيادىكى بەش قىتئەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت، ئەلئارا تەشكىلات، سودا-سانائەت ساھەسى، ئىلىم-پەن ئاپپاراتى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە چېتىلىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھازىر يىلتىز تارتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە نەپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

  2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، دۇنيانىڭ نەزىرى يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا مەركەزلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر