خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەتقىقات يۇرتى 15 جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاقىللار ئامبىرى بىلەن بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق كومىتېتى 24-چېسلا بېيجىڭدا قۇرۇلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاقىللار ئامبىرى ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق تورىنى ياخشى قۇرۇش» تەكلىپىگە ئاۋاز قوشۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىلمىي ئالاقىسىنى مېخانىزملاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش ئورتاق ئارزۇسىغا قايتۇرغان ئاكتىپ ئىنكاسىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى