باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشتىكى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ

2019.04.25 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ 24-چېسلا 2019-يىللىق جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ياخشى سودا مۇھىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارىدا، يامان غەرەزدە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش تۆلەم سوممىسى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن بولۇشتىن بەش ھەسسىدىن تۆۋەن بولۇش قىلىپ بېكىتىلدى ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلەم سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 3 مىليون يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىلار بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «بۇنداق جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم سوممىسى خەلقئارادا بىر قەدەر يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ»، دېدى شېن چاڭيۈ.

  «قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى، ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شېن چاڭيۈ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، ھوقۇققا چېقىلىش بويىچە جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرىمىز. نۆۋەتتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىققان پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە، پاتېنت ھوقۇقىغا قەستەن چېقىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر