باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدۇ

2019.04.26 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: جوي بايدېن (سولدا) ۋە ئوباما (ماتېرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى جوي بايدېن 25-ئاپرېل كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 20 ئەزاسى 2020- يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بايدېن شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى، ئىناۋىتى قاتارلىقلار خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى. بايدېن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ھازىرقى زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بايدېن بۇ يىل 76 ياشتا. 2009- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئۇ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بايدېن تېلاۋا ئىشتاتىنىڭ فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى 30 يىلدىن ئاشقان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تالىشىشى.

  ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بىر مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بايدېن دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى %27 سايلىغۇچىنىڭ قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن، ۋېرمونت ئىشتاتىنىڭ فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنارد ساندېرس %20 لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بايدېننىڭ ئەۋزەللىكى سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى مول، تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار ئىكەن، لېكىن يېشى چوڭىيىپ قېلىش، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەرنىڭ زورىيىشى قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدىكەن.

  دېموكراتلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى بويىچە پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى سايلامنىڭ ئىككى قېتىملىق مۇنازىرىسى بۇ يىل 6-ئايدا ۋە 7- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر