باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 2-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

2019.04.25 13:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 2-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ۋە « ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات» تىكى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.دۆلەت كومىسسارى شياۋ جيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، لېكىن ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، باجنى ئازايتىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ لوق گۆشكە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ بۇ لوق گۆشنى چىرىتىشكە، باجنى ئازايتىشتىن پەيدا بولىدىغان ئەمەلىي نەپنى كارخانىلار كۆرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئېرىشەلمەسلىكىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. چۆكمە مەبلەغ ۋە مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، مەمۇرىي چىقىمنى ئازايتىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق چىقىملارغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتا خام چوتتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قالايمىقان يوچۇق ئېچىشقا، خام چوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ؛ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، چىرىكلىك پەيدا بولۇش يوچۇقىنى تۈگىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تۆت ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى،پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى قاتتىق جازالاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر