شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

2019.04.24 13:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن چىڭداۋدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دېڭىز- ئوكيان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېڭىز-ئوكيان ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈردى، دۇنيانى تۇتاشتۇردى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. بىز ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان بۇ كۆك رەڭلىك سەييارىنى دېڭىز-ئوكيانلار ئايرىم-ئايرىم ئارالغا ئايرىۋەتمەستىن، بەلكى دېڭىز-ئوكيانلار تۇتاشتۇرۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندۇردى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى تىنچ-ئامان بىللە بولدى. دېڭىز-ئوكياننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى ئورتاق قوغداشقا، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ. جۇڭگو مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارللاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ دېڭىز كۈچى سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭىز-ئوكياننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە ياخشى تەرتىپىنى قوغداشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. كۆپچىلىك ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ئۈستى سۆھبىتى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان دېڭىز بىخەتەرلىكى يولىدا مېڭىپ، ھەرخىل دېڭىز ئۈستى ئورتاق تەھدىتى ۋە خىرىسىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، دېڭىز- ئوكياننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ