باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدە 3120 تۈرنى ئۈستىگە ئالدى

2019.04.25 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24- چېسلا «بىر بەلباغ، بىر يول» كارخانىچىلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدە 3120 تۈرنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ تۈرلەر بولسا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ۋە كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، نۆۋەتتە ئىش باشلانغان ۋە ئىش باشلاش ئالدىدا تۇرغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە، مەركەز كارخانىلىرى ئۈستىگە ئالغان تۈرلەر سانى %60تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، توختام سوممىسى % 80كە يېقىنلاشتى. تۆمۈريوللار، تاشيوللار، پورتلار ۋە خەۋەرلىشىش تورلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بۇ خىل قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىپ، نەتىجىدە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ۋە ماس تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن، مەركەز كارخانىلىرى ئۈستىگە ئالغان مومباسا تۆمۈر يولى قۇرۇلۇش تۈرى بولسا، كېنىيەدە يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان يېڭىدىن سالغان تۇنجى تۆمۈر يول بولۇپ، قاتناش باشلانغان ئىككى يىلدىن بۇيان، شۇ تۆمۈر يول ئارقىلىق جەمئىي 2 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇلدى.

  خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى جەھەتتە، مەركەز كارخانىلىرى 20 نەچچە دۆلەتتە 60 نەچچە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەمكارلىق تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم سۇ، توك، ئوت ئېلېكتىرى ۋە شامال ئېلېكتىرى تۈرلىرىنى تاماملاپ، شۇ جاينىڭ توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  مەركەز كارخانىلىرى يەنە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. مەسىلەن، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى تۈر ئىشلىنىۋاتقان جايغا مەبلەغ چىقىرىپ، شۇ جايدا دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ قۇرۇپ، داۋالىنىش قىيىن بولۇش ۋە مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر