باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس قەرز پۇلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.04.25 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى 23- چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىدە دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىغا چېتىلىدىغان 25 تۈرلۈك كونكرېت نەتىجىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى تەمىنلىگەن 250 مىليارد يۈەن تەڭ قىممەتلىك خەلق پۇلى ھېسابىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس قەرز پۇلى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىنىپ، نەتىجىدە، نۆۋەتتە توختامدا ئىمزالانغان 260 مىليارد 700 مىليون يۈەن تەڭ قىممەتلىك خەلق پۇلى تاماملاندى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كەسپىي قالدۇقى 105 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 600دىن ئارتۇق «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنى 190 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش بىلەن تەمىنلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى 250 مىليارد يۈەنلىك تەڭ قىممەتلىك خەلق پۇلى «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس قەرز پۇلىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئۆز ئالدىغا ئېچىش ۋە تۈرلەرنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈر قەرز پۇلىنى باھالاش تۈزۈمىنى مەخسۇس تۈزۈپ، چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار، مۇھىت ۋە مەنپەئەت بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەرگە بولغان باھالاپ دەلىللەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ نەق پۇل ئوبوروتىنى باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتىرىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوقۇم تىرىشىپ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك، سىجىللىقى بولغان ۋە خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇ مەخسۇس قەرزنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھەلەر، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقلىرى، خەلق تۇرمۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى تۈرلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋەتتە بولىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈنۈملۈك پۇختىلاپ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر