باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مۇسابىقە تەييارلىقى پۈتتى

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭچە روھنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

2019.04.26 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: CBA ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 26-ئاپرېل باشلىنىدۇ، ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقە چېمپىيونى گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ، ئىككى كوماندا تارىخىدىكى 5-قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ. نومۇر ئېلىش نۇقتىسى كۆپ، ھۇجۇم قىلىش كۈچى كۈچلۈك گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئالدىدا، پائال ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزىمەتلىرى بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە كوماندىمىزنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى مىسلىسىز، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى، شۇنداقلا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭچە روھنى ئۇرغۇتىمىز.

  دائىملىق مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، «يەككە ئويناشنى ئاساس قىلغان» ئادامس بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئالماشتۇرۇلغان چەت ئەللىك ئەزانىڭ سەۋەبىدىن، شىنجاڭ كوللېكتىپ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلالمىدى، مۇسابىقە نەتىجىسى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ھەتتا بىر مەزگىل كىشىلەر تەرىپىدىن «ئۇلار پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ» دەپ قارالدى. چېمپىيون تىرېنېر ئادىلجان شىنجاڭ كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن، «روھىنى تاپقان» شىنجاڭ كوماندىسى كوماندا ئەزالىرى ئەمەلىي كۈچىنى تەدرىجىي نامايان قىلىپ، كوللېكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ۋە تۆمۈرقالقان مۇداپىئەسىگە تايىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇاڭشا، لياۋنىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىردى.

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم مۇساپىدىكى ئۆزگىرىشى توغرىسىدا توختالغاندا، باش تىرېنېر ئادىلجان مۇنداق دېدى: «ھەممىسى شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك دەيدۇ، لېكىن توپ ئوينىغاندا كوماندا ئۇيۇشچانلىققا ئىگە بولمىسا، كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلالمىسا، ئەمەلىي كۈچ ئەلۋەتتە قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە، كوماندا ئەزالىرى كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، بولۇپمۇ مۇداپىئە جەھەتتە مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مۇداپىئە ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈمىگە يەتتى.

  پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ھۇجۇمنى تەشكىللەشكە ماھىر فېلدنى ئادامسنىڭ ئورنىغا ئىشلەتتى، قىرانبېك، ئابدۇسالام، زېڭ لىڭشۈ قاتارلىق تاشقى سەپ توپچىلىرى ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلدى. مۇداپىئەدە، شىنجاڭ كوماندىسى قوللانغان ئىچكى-سىرتقى سەپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان بېسىم مۇداپىئەسىمۇ رەقىبىگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۇلار بۇلتۇرقى چېمپىيون لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇرغا ئېرىشىش رېكورتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى.

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى قىرانبېك مۇنداق دېدى: بۇ كوماندا ئەزالىرى ئومۇمىي كەيپىياتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن بولدى، «ئادىلجان تىرېنېر يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن كوماندا ئىنتىزامى تېخىمۇ چىڭىدى، بىزمۇ تەلەپ بويىچە ئىش قىلدۇق، شەخسلەرنىڭ كەسىپچانلىقى ئۆستى، كوماندىنىڭ مەيداندىكى ئىجرا قىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى. كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھازىرقى جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، كەيپىيات ئىنتايىن ياخشى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، بىز چوقۇم مۇقىم روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە جان تىكىپ ئېلىشىمىز.

  بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، 42 مەيدان غەلىبە قىلىش، تۆت مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجە بىلەن ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئالدىدا مېڭىپلا قالماي، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە جياڭسۇ، شېنجىننى قانلىق ھالدا سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بىراق قىرانبېك مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئەزا سەپلىنىشى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تەجرىبىسى بىزدىن خېلىلا يۇقىرى، گەرچە ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىزنى بىر مەيدان يەڭمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن يېتەرلىك تەر تۆكۈشى كېرەك.

  مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان، ياش ماھىر ئابدۇسالام ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 21.2 نومۇرغا ئېرىشىپ، گاردىن قايتقان 8.4 توپنى تالىشىپ ئالدى، بۇ، كوماندىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھۇجۇم كۈچىنىڭ بىرى. ئۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قارىتا مۇنداق دېدى: « مەن ئۆزۈمنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدىكى ياخشى ھالىتىمنى ساقلاپ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدە كوماندىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالىشىمنى خالايمەن.»

  تىرېنېرلىق ھاياتىدا تۇنجى قېتىم «چەت ئەللىك ئەزالار»نى ئىشلەتكەن ئادىجان مۇنداق دېدى: توپچى ئىشلىتىش پەقەت شۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بولىدۇ، «شىنجاڭ كوماندىسى چەت ئەللىك ئەزاغا تايىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ رولىنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، چەت ئەللىك ئەزالارمۇ كوللېكتىپقا سىڭىپ كىرىپ، قېرىنداشلاردەك بولۇپ، مۇسابىقىگە ئاتلىنىشى كېرەك.

  ئارىدىن 36 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ يەنە كوماندا يېتەكلەپ، ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشكە قارىتا، ئادىجان مۇنداق دېدى: گەرچە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى مۇشۇ پەسىللىك ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بولسىمۇ، لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بىز چوقۇم كوماندا روھىنى دادىل نامايان قىلىمىز، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر