باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان قىسمەن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2019.04.26 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل خەلق سارىيىدا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2016-يىلى جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوللىدى. سېربىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم لىنىيە بويىدىكى دۆلەت، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەلرايى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل خەلق سارىيىدا، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو- كېنىيە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا قىلىنغان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئەيىبلەشلەرگە كۆپ قېتىم رەددىيە بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. كېنىيە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى بىر قەدەر بالدۇر ئىمزالىغان دۆلەت. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، كېنىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-كېنىيە، جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ياخشى قوغداپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريول قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كېنىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل خەلق سارىيىدا، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۆز-ئارا ئىشىنىشتە، مۇھىمى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشتا. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستاننى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان تارىختا قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىشتىراكچىسى ۋە قۇرغۇچىسى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدىكى بەش چوڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە قاتناشنىڭ قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت، يەرلىك، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- چېسلا خەلق سارىيىدا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ ۋە دوستانە ھالدا ئۆتۈشتەك تارىخىي ئېقىمغا ماسلىشىشى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ھەمدە بىردىنبىر توغرا تاللاشتۇر. مەن ھەر قېتىم سىز بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىمەن، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈندۇر. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىللە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن چىقىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى داۋاملىق ياخشى ئىگىلىشىنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشتەك چوڭ ئەندىزىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتىكى چوڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئېقىمىنى ئىگىلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ئورتاق قۇرۇش زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «چوڭ قۇرۇلۇش ۋە ئالاھىدە قۇرۇلۇش» يىرىك پىلانى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كەلگەن بولغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە باشقا رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئالاقىسى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دېڭىز ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو زەھەر چەكلەش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە فىلىپپىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق قوللايدۇ .

  شى جىنپىڭ سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستاسيادىس بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- چېسلا خەلق سارىيىدا سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستاسيادىس بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىپرۇس ئۇزاق تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە زور غەمخورلۇقىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشى كېرەك. سىپرۇس ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناشقۇچى، جۇڭگو سىپرۇس بىلەن پورت، دېڭىز تىرانسپورتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەمدە ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا ئۈچىنچى تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. مەن سىپرۇس تەرەپنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ بېلورۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- چېسلا خەلق سارىيىدا بېلورۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېلورۇسىيە دائىملىق ياخشى دوستلاردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېلورۇسىيەنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈپ،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو-بېلورۇسىيە سانائەت رايونى ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۈتۈنلەي يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. بىز ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى بېلورۇسىيە تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ساياھەت، مائارىپ ۋە يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسسى بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن خەلق سارىيىدا مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسىر ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى، زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگوغا 2 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقىلى كەلدى، بۇ مىسىرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىش سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۇڭگو مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قوللىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك. جۇڭگو مىسىرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ، سۇۋەيش قانىلى كارىدورىنى ئېچىش پىلانىغا پائال قاتنىشىپ، سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو يەنە مىسىردا «لۇبەن دۇكىنى» تەسىس قىلىپ، مىسىر ياشلىرىنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئافرىقا خەلقىنىڭ جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بىز ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە سىجىلچان تەرەققىيات تەشەببۇسى بىلەن ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قوللايمىز، مىسىر بىلەن ئافرىقا ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەي خەلىپىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەي خەلىپىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر 7-ئايدا مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى «بىر بەلباغ ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئاساسىي ئوق، مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىككى قانات، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى ئېشىش نۇقتىسى قىلغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كېيىنكى باسقۇچتا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگونى قۇچاقلاش» پىلانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېلەر يىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ .

  شى جىنپىڭ ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ بىلەن كۆرۈشتى

  شى جىنپىڭ رۇەن چۈنفۇدىن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭغا، دۆلەت رەئىسىگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىككى تەرەپ «16 خەت» فاڭجېنى ۋە «تۆتتە ياخشى» روھنى يېتەكچى قىلىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيەنىڭ ئالاقە مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە «ئىككى كارىدور ، بىر ئايلانما»نى تۇتاشتۇرۇش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، لەن مېي ئىككىلەمچى رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەلئارا ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ۋېنگرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ۋېنگرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2017 – يىلى، مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدىم، جۇڭگو-ۋېنگرىيە مۇناسىۋىتى «خوت يۆتكەپ سۈرئەتنى تېزلىتىش» تارىخىي يېڭى باسقۇچىغا كىردى. بۇ يىل جۇڭگو-ۋېنگرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو ۋېنگىرىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بېرىش-كېلىش قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئەمەلىي ھەمكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كېيىنكى باسقۇچتا، بىز ۋېنگرىيە-سېربىيە تۆمۈر يولى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىقى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-چېسلا خەلق سارىيىدا، مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىلى 45 يىل بولدى، بۇنىڭ يېرىم ۋاقتى ماخاتىر ئەپەندى زۇڭلىلىق ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بولدى، سىز جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتىڭىز. ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-مالايسىيا دوستلۇقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئىشىنىشى؛ بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئاساسى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق، ئىككى تەرەپ پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق سۇپىسىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى دۆلەت قوش باغچىسى»نى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇنى «قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى»نىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىرلەشمە ئالاقىسى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. زۇڭلى ئەپەندى «ئاسىيا قىممەت قارىشى»نى قەدىرلەيدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مالايسىيا تەرەپنىڭ كېلەر يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ساھىبخانلىقىنى ياخشى قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېل بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-چېسلا خەلق سارىيىدا، پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018-يىلى 11-ئايدا، مەن ئوڭۇشلۇق ھالدا پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم ھەم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان سەككىز تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دىپلوماتىيەنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدا ماڭدى، بىز ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئارال دۆلەتلىرى رايونىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىشىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى يۇسۇف كاللا بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-چېسلا خەلق سارىيىدا، ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى يۇسۇف كاللا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ يۇسۇف كاللا تاپشۇرغان ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكونىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە يۇسۇف كاللادىن زۇڭتۇڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى مەن ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە «يەر شارى دېڭىز-ئوكيان تايانچ نۇقتىسى»نى تۇتاشتۇرۇش يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسى ۋە يۆنىلىشىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قاتارلىق نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇنىڭدىكى مەقسەت بۈگۈنكى دۇنيادا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا جۇڭگو لايىھەسى بېرىش، بۇ، 64 يىل ئىلگىرى جۇڭگو-ھىندونېزىيە ئورتاق تەشەببۇس قىلغان «باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئون پىرىنسىپى» بىلەن تومۇرداش. ئىككى تەرەپ زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر