خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىللىق 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2019-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى تەلىپىگە ئاساسەن، 2019-يىللىق 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:
2019-يىللىق 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 1-مايدىن 4-مايغىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى جەمئىي تۆت كۈن بولىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، ئىشقا چىقىش ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00 كىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن 20:00گىچە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى