باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

باشقۇرۇش-تەربىيە ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەن جازاسىنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇش ئەمەس

2019.04.26 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كەپسىز بالا» مەكتەپتە جېدەل چىقىرىپ ئۆگىنىش قىلمىسا، قانداق تەربىيە قىلىش كېرەك؟ يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئورگان تورى «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك نىزامى» (لايىھە)نى ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باشقۇرۇش، تەربىيەلەش ھوقۇقىنى، يەنى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن بويىچە تەنقىد-تەربىيە ئېلىپ بارسا، ھەتتا بەلگىلىك تەربىيەلەش، جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى. «تەربىيەلەش-جازالاش تەدبىرى»نىڭ دەرىجىسى، دائىرىسى ۋە ئۇسۇلى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىقتىن، بۇ لايىھەگە قارىتا بەزى كىشىلەر: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، تەن جازاسى بېرىش ئۈچۈن يوچۇق ئېچىپ بېرىدۇ» دەپ گۇمان قىلدى. (4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»گە قارالسۇن).

  نۆۋەتتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ جېدەل چىقارغان، ئۆگەنمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەربىيە- باشقۇرۇش ۋاسىتىسى قوللىنىشى تەنقىد- تەربىيە بېرىشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، چەكلەش رولى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمەيدۇ، بۇ نورمال مائارىپ باشقۇرۇشقا پايدىسىز.

  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەنلىك ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقىغا قارىتا، تەنبىھ بېرىشتە قوغداشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتىنى قاندۇرۇش كېرەك. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى ئېنىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەت جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشتا «تەن جازاسى» نىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈش قىلتىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى دائىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يول قويۇۋېرىدۇ، بۇ ئىككى خىل چېكىدىن ئاشقان ئەھۋال مەكتەپنىڭ مۇۋاپىق، قانۇنلۇق جازالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىنىڭ كەملىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشتا مائارىپنى ئاساس قىلىش زۆرۈر بولغان تەنبىھ بېرىشنىڭ كەملىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مۇۋاپىق تەنبىھ بەرسە، بالىغا ھەرىكەتنىڭ چېگرا سىزىقى بارلىقىنى، چېگرىدىن ھالقىپ كەتكەندە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بالىنىڭ قائىدە ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا زۆرۈر بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، بۇ كەسپىي خۇسۇسىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.

  قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇنداق ئىككى قاتلاملىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ھوقۇق بېرىش، يەنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت كەسپىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قانۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە مائارىپ پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تەرتىپىنى قوغداشقا پايدىلىق؛ ئىككىنچى، ھوقۇققا چەك قويۇش، يەنى ھوقۇقنى «تىزىملاشتۇرۇش» ۋە ھوقۇق بېرىش بولۇپ، ھوقۇق بېرىلمىگەن بولسا، مەنئى قىلىنغان، قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش- تەربىيە بېرىشكە تەدبىقلىغاندا، قانداق قىلمىشقا قارىتا قانداق ۋاسىتە ۋە تەدبىر قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىدىمۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش- تەربىيە بېرىش ھوقۇقى ھەققىدە بايانلار بار بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نىسبەتەن تومتاقراق، مەسىلەن، جازالاش ئېنىق مەنئى قىلىنمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەن جازاسى مەنئى قىلىنغانلىقتىن، جازالاش دائىرىسى تارىيىپ كەتكەن بولۇپ، جازالاش بىلەن تەن جازاسى بېرىشنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئېنىق چېگرا سىزىقى كەمچىل بولۇپ قالغان.

  قانۇن چىقىرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش-تەربىيە بېرىش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەن جازاسىنىڭ قانۇنلۇقلاشتۇرۇلۇشى ئەمەس، لېكىن بېرىلگەن ھوقۇق كەڭ بولۇپ كېتىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا چوڭراق ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقى بېرىلسە، باشقۇرۇش-تەربىيە بېرىش ھوقۇقىنى بىر خىل «خۇسۇسىي ھوقۇق»قا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى. ئوقۇغۇچىلارنى قانداق باشقۇرۇش ۋە قانداق جازالاشتا ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىنىڭ چېگرا سىزىقى ئاسانلا تالاش- تارتىش پەيدا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا قانۇن چىقىرىشنىڭ ئاچقۇچى تالاش-تارتىشنى تۈگىتىش ئەمەس، بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پىكىرنىڭ ئورتاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش-تەربىيەلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن قائىدە ۋە تەپسىلىي قائىدىنى لايىھەلەپ ھەمدە ئىجرا قىلىش جەريانىدا شەكىللىنىشى مۇمكىن بولغان تالاش-تارتىشلارنى قانۇن چىقىرىشتىن ئىلگىرى ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنى جازالاشقا چېتىلىدىغان چارىلەر، بولۇپمۇ كونكرېت ئەھۋال، جازالاش ئۇسۇلى ۋە مۇناسىپ ۋاسىتىلەرنى خۇددى بەزى ئەمەلىي قانۇنلارغا ئوخشاش بىر قەدەر كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىش زۆرۈردۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر