باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىم جۇڭئۇن: چاۋشيەن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويىدۇ

2019.04.28 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىگە باغلىق، چاۋشيەن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويىدۇ، دېدى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىگە باغلىق، چاۋشيەن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويىدۇ.

  پۇتىن ئامېرىكىنى چاۋشيەن بىلەن ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇن قاتلىمىدا چاۋشيەنگە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىش زۆرۈر، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىك رامكا بولۇشى كېرەك.

  كىم جۇڭئون بىلەن پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق شەھىرى ۋلادىۋوستوك روسىيە ئارىلىدىكى يىراق شەرق فېدېراتسىيە داشۆسىنىڭ مەكتەپ رايونىدا تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى، ئۇچرىشىش تەخمىنەن ئۈچ يېرىم سائەت داۋاملاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككەيلەن تەرجىماننىڭ ھەمراھلىقىدا تەخمىنەن ئىككى سائەت «ئايرىم پاراڭلىشىپ»، ئەسلىدە بېكىتىلگەن كۈنتەرتىپتىن بىر سائەتتىن كۆپرەك ئېشىپ كەتتى.

  پىلان بويىچە، ئىككى تەرەپ ھېچقانداق ھۆججەت ئىمزالىمىدى.

  بۇ، كىم جۇڭئوننىڭ 2011-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان رۇسىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا بۇ يىل 2-ئايدا چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى خانوي ئۇچرىشىشى نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن كىم جۇڭئوننىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان كېڭەيتىلگەن سۆھبەتتە يېرىم ئارال ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋىپسىزلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە تاكتىكا ھەمكارلىقى»نى ياخشى ئىشلەشنى مۇزاكىرە قىلغان.

  كىم جۇڭئون ئامېرىكىنىڭ 2-قېتىملىق چاۋشيەن-ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا «ئۆز ئالدىغا» «ياخشى نىيەتتە بولماسلىق» پوزىتسىيەسىنى قوللىنىپ، يېرىم ئارال ۋە رايون ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى، «ئەسلىدىكى نۇقتىغا قايتىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدىغنالىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى. «چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋىپسىزلىكى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىگە باغلىق، چاۋشيەن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كىم جۇڭئوننىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكىغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكىدىن تېخىمۇ جانلىق مەيداندا تۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ جازانى پەسەيتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  پۇتىن شۇ كۈنى كەچرەك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىشى مۇمكىنكەن. ئەگەر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنسە، نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىكەن؛ بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، باسقۇچقا بۆلۈپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىش كېرەككەن. ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقى شۇنى چۈشەندۈرۈپ، رۇسىيە-چاۋشيەن رەھبەرلىرى باسقۇچقا بۆلۈپ يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرىگە ئاساسەن مۇناسىپ جازانى بوشاشتۇرۇشى زۆرۈر، دەپ قارىدى، دېدى.

  كورېيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئامېرىكا كىم جۇڭئوننىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى قاتارلىق بىر قاتار دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن جاۋاب قايتۇرىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتىدە ئىرادىسى ئۆزگەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرەپ يېقىندا باشلىقلار بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇ: ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆھبىتى يەنىلا داۋاملىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا، دەپ قارىدى.

  پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپقا كىم جۇڭئون بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمنىڭ نەتىجىسىنى تونۇشتۇرىمەن، دېدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە ۋە ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، پەقەت چاۋشيەن مۇستەھكەم خەۋىپسىزلىك كاپالىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە مەلۇم دەرىجىدە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئۈچۈن، چاۋشيەننىڭ خەۋىپسىزلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بۇنىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىك رامكىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، قانۇننىڭ چەكلەش كۈچىگە ئىگە خەلقئارالىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز بىرلىكتە چاۋشيەننىڭ خەۋىپسىزلىك ئېھتىياجىنى ئويلىشىمىز كېرەك. ھازىر ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكمۇ-يوق، بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. لېكىن، شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ئەگەر بىز بۇ قەدەمنى باسساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپنى مەلۇم كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز، يەنى چاۋشيەننىڭ خەۋىپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، خەلقئارا كاپالەت بولمىسا ئاقمايدۇ. پەقەت ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنىڭلا بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: مەن كىم جۇڭئون بىلەن چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشتىن باشقا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، چاۋشيەنگە جازا بېرىش قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا ئەركىن پىكىر ئالماشتۇردۇم ۋە كونكرېت مۇزاكىرە قىلدۇق، ئۇچرىشىش نەتىجىسىدىن ئىنتايىن رازى بولدۇم. چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئوخشاشلا، ئىككى تەرەپ «رازى ئورتاق تونۇش» ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

  چاۋشيەن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جۇڭئون زۇڭتۇڭ پۇتىننى قولايلىق مەزگىلدە چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغاندا، پۇتىن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان.

  سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جۇڭئون پۇتىنغا «چاۋشيەن خەلقىنىڭ قۇدرىتى ۋە روھىغا سىمۋول قىلىنغان» چاۋشيەن شەمشىرىنى سوۋغا قىلغان. پۇتىننىڭ كىم جۇڭئېن ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغىسى بىر دانە قىلىچ ۋە تەگلىكى بار بىر يۈرۈش سەپەر چاي قاچا-قۇچىلىرىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر