باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نەزەربايېفقا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى

2019.04.30 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىنىڭ مەركىزى زالىدا قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېفقا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوردېن شەرىپى بىلەن تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئوردېن بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېف خەلقئارادا ئىناۋەتكە ئىگە سىياسىيون، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلغۇچى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچى. زۇڭتۇڭ نەزەربايېف بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىرى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نەزەربايېف ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2013-يىلى مەن قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەسلەپتىلا قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېف ۋە قازاقىستاندىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن ئىدىم. جۇڭگو بىلەن قازاقستان «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى يەنە ئالدى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر يۈرۈش زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويدى. جۇڭگو قازاقىستان ھەمكارلىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئەۋزەللىكىلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، بىر-بىرىگە پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تولۇق ئىجابىي كۈچ ئاتا قىلدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدا بىرلىكتە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ئارزۇنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئارقىدىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوردېن شەرىپى بىلەن تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جيېچى «دۆلەت رەئىسىنىڭ ئوردېن بېرىش بۇيرۇقى»نى ئوقىدى.

  ھۆرمەت مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا نەزەربايېفقا ئوردېننى ئېسىپ قويدى. ئۇلار سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، قىزغىن قۇچاقلاشتى، نەق مەيداندا ئالقىش ئاۋازى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  نەزەربايېف جاۋاپ سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن ماڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن رەھمەت. بۇ ماڭا نىسبەتەن چەكسىز شان-شەرەپ. بۇ ئوردېن مېنىڭ جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىق سەھنىسىگە ئايلىنىپ، ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ تىنچىلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى دۇنياغا نىسبەت زور پايدىلىق ئىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر