باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويىدۇ

كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.04.29 09:12        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېزىلاردىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ 2022- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر 1980- يىلى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغانلار، شەھەرگە كىرىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئالتە ئاي بولغانلار ھەم ئۇنىڭدىن ئاشقانلار، دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى شەھەردە بولغان، نوپۇسى يېزا - كەنتلەردە بولغان ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى ھېسابلىنىدىكەن. يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئەمگەكچىلىرى ئاساسلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىنىپ، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ماھارەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بىر تەرەپتىن، ناھىيە، شەھەر بىرلىك قىلىنىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغانلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەڭ دائىرىدە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشى، مەسىلەن، كارخانىلارنىڭ يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلىشى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشى قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىم بولۇشى ئاشۇرۇلىدىكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىلىرى پائال يېتىشتۈرۈلۈپ، ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارزۇسى بار ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش، مۇلازىمەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇئەييەن شەرتنى ھازىرلىغانلارغا قارىتا، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قۇرۇشنى مەركەز قىلغان ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە نامراتلارنى ماھارەت ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىدىكى ئەمگەكچىلەر، قۇتقۇزۇلىدىغان، ياردەم بېرىلىدىغان، بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ۋە مېيىپلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتا، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بىلەن ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بارلارنى ئالدى بىلەن دەل جايىدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇش ئارزۇسى بارلارنى ئالدى بىلەن تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ماھارەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  «2022- يىلىغا بارغاندا، يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتە <ئومۇميۈزلۈك بولۇش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق> نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر يۇقىرى ساپالىق ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەر ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ياسىمىچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھە، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، «ئالاقە تورى + كەسپىي تەربىيە» قاتارلىق جانلىق، كۆپ خىل تەربىيەلەش شەكىللىرىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن. كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي جەمئىيەت، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇپ، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر بېكەتلىك مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر