باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.29 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چېخ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دوستانە ھەمكارلىق باشتىن-ئاخىر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى. بىز باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسېرى زورىيىشىغا تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو چېخ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى باشتىن-ئاخىر تەشەببۇس قىلىدۇ. بىز زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگوغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى ئاشكارا، ھەققانىي سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز، بۇ جۇڭگو تېلېگراف كارخانىلىرىغا ئادىل، ھەققانىي مۇئامىلە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. چېخنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  زېمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، چېخ-جۇڭگو ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن خۇشال بولدۇم. جۇڭگونىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. چېخ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، چېخ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چېخ ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر