خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تيەنجىن «تيەنخې-3» ئەسلىي تىپلىق مەركىزىي ئاپپارات ئۆيىدە مېڭ شياڭفېي (سولدا) خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا (24-ئاپرېل فوتوسى). بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن مېڭ شياڭفېي دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تيەنجىن مەركىزىي ئەمەلىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى. ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى «تيەنخې» يۈرۈشلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر قوللىنىشچان تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى. مېڭ شياڭفېي مۇنداق دېدى: «مەن يېتەكلىگەن ئۆمەك خۇددى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنىڭ APP ئېچىش، قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىغا ئوخشايدۇ. بىراق، «تيەنخې» يۈرۈشلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرىدا سېكۇنتىغا مىليون قېتىم ھېسابلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، يەر شارى CT چارلاش، يەر ئاستى نېفىت ئۇۋىسىنىڭ تارقىلىشى، سۈنئىي كىچىك قۇياش يېڭى تىپتىكى رېئاكتورىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. يېقىندا، مېڭ شياڭفېيغا 23-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالى» بېرىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد 10 مىليارد قېتىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرى «تيەنخې 3-نومۇر» E دەرىجىلىك ئەسلىي تىپلىق ئاپپاراتنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئورۇنلاشتۇرۇش تاماملىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رەن فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى