شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2019.04.29 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي چوڭ زالىدا قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك مەركىزىي چوڭ زالدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، داغدۇغىلىق، قىزغىن بولۇپ، جۇڭگو، قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى رەتلىك تىزىلغانىدى. قىزىل رەڭلىك چوڭ تەگلىككە خەنزۇچە، قازاقچە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ <دوستلۇق ئوردېنى>نى تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەن خەتلەر يېزىلىپ، ئالتۇن رەڭلىك «دوستلۇق ئوردېنى» نۇسخىسى چىراغ نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ