مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىدۇ

2019.04.29 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

  شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورىدا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى ئابونتلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابونتلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدا ماس قەدەمدە ئۇلاپ كۆرسىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ