باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلقنىڭ قارىشى

خەلق گېزىتى ئوبزور بۆلۈمى: ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي قەلبى ۋە مىللىي روھىدۇر

«4- ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان(2)--

2019.04.26 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «4- ماي» روھىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا، باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تارىخىي ئامىلى بولۇپ كەلدى.

  دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىنى ئۆرنەك قىلىدۇ. ياشلار ياشلىق كۈچى بىلەن دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دۆلەتمۇ كەڭ سەھنىسى ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.100 يىلدىن بۇيانقى مۇساپىگە تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالساق، «4- ماي» ھەرىكىتى دەل تارىخنى ئۆزگەرتكەن مىللىي داستان كەبى كوئوردېناتتىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 14- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «100 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «4- ماي» ھەرىكىتى بولسا، ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان بىر ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ، جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرۇشتىكى بىر ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. «4- ماي» ھەرىكىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، تەرەققىيات، دېموكراتىيە ۋە ئىلىم «4- ماي» روھى شەكىللەندى. 100 يىلدىن بۇيان، «4- ماي» روھى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە يىغىلىپ، ئۇيۇشۇپ ۋە تاۋلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىش يولىدىكى بىر چوڭ مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلاندى؛ «4-ماي» روھىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تارىخىي ئامىل ھېسابلىنىدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي قەلبى ۋە روھىدۇر. دەل مۇشۇنداق بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مىليونلىغان ياشلارنى ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەقىقىي قىممىتى بولغان كىشىلىك ھاياتنى يارىتىپ، ھەقىقىي يارقىن بولغان ياشلىق باھارىنى قولغا كەلتۈردى.

  ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى تۈۋرۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، يېقىنقى زاماندىن بۇيان شۇنچە كۆپ شەخسىيەتسىز ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئارمانسىز تۆھپە قوشقۇچىلار ۋە باتۇرلار قۇربانلارنى بېرىشىش نەتىجىسىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، يىقىلماي قەد كۆتۈرۈپ تۇردى. ئۇرۇش يىللىرىدا مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن جان پىدالىق قىلىشتىن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشقىچە، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى مەزگىلىدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ كۈرەش قىلغۇچى بولۇشقىچە.... ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات مۇساپىسىدە، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش ۋە قۇدرەت تېپىشتەك مۇساپىلەردە دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ياشلىق باھارى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بولۇپمۇ ياشلار ئۆز ئارزۇلىرىنى جاسارەت بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ۋە جان تىكىپ ئەمەلىي ئىشلىشى لازىم. چەت ئەلدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ، چاڭئې 4- نومۇرنىڭ كەينىدىكى 80-، 90- يىللاردا تۇغۇلغان پەن تەتقىقات خادىملىرىغىچە؛ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى90- يىللاردا تۇغۇلغان ئايال ئەسكەردىن، ياش بىلىم يېتەكچىسىگىچە.. يېڭى دەۋردىكى ياشلار ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنىدا، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىللە مېڭىپ، كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلماقتا، ھەمدە ياش ئەۋلادلارغا مەنسۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئېلىمىزنىڭ ياش بىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاقتۇر، ھەمدەچوقۇم پارلاق بولغۇسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش بىر ئەۋلادلارغا زور ئۈمىد باغلىدى. دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىنى ئۆرنەك قىلىدۇ. ياشلار ياشلىق كۈچى ئارقىلىق دۆلەتنى ئالغا سىلجىتىدۇ، دۆلەتمۇ كەڭ سەھنىسى ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھازىرقى زامان ياشلىرى «كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئەۋلادلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ «4- ماي» روھىغا بولغان ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بىز ياشلىق گۈلىمىزنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدا ئېچىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئۆزگىچە بولغان كىشىلىك ھاياتىمىزنى يارىتايلى. بىپايان دېڭىز-ئوكياندىن قۇملۇق چۆللۈككىچە، ئېتىز-ئېرىقلاردىن ئورگان ۋە ئورۇنلارغىچە، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقىچە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن گۈللەنمە كەسىپ ھالىتىگىچە، بۈگۈنكى جۇڭگو مانا ئەمدى ياشلارنىڭ كىشىلىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى، شۇنداقلا ياشلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىنى مىسلىسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى دەۋردىكى ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «4- ماي» روھى ئەزەلدىن يىراقلاپ باقمىغان، ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا بېسىش، دېموكراتىيە ۋە ئىلمىي غايە-ئېتىقاد يەنىلا بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى يەنىلا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزدۇر. ياشلىق توختىماي كۈرەش قىلىدۇ، غايىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ، كۈرەش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشەنگەندىلا، ئۇلۇغ «4- ماي» روھىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ياشلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتقىلى بولىدۇ؛ ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا ياشلىق نۇرىنى چاچقاندىلا، دۆلەت تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر