2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2019.04.28 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 27- ئاپرېل بېيجىڭ يەنچى كۆلى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. جەمئىي 40 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، «‹بىر بەلباغ، بىر يول›نى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەمدە بىرلەشمە ئاخباراتنى ماقۇللىدى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  4-ئايدىكى يەنچى كۆلى بويىغا مېھمانلار يىغىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھال سوراشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردۇق. بىز يەنە بىر قېتىم باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  −− بىز ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم؛ ئېچىۋېتىش، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسى بويىچە يۇقىرى ئۆلچەم، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى قوغلىشىش لازىم؛ ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى قوللاشنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مۇھىت ئاسراشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  −− بىز ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. دىققەتنى ئۇل ئەسلىھەلەر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بازارنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ۋە كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى قۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق يېتەكلەش، كەسىپ توپلىشىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  −− بىز ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىسى راۋان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون ۋە خەلقئارا تەرەققىيات قارالمىلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە كارخانىلارنى چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى زورايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك روھ بويىچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ