باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى ھەمدە باشقا مېھمانلارنى قارشى ئالدى

2019.04.28 13:38   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى ھەمدە باشقا مېھمانلارنى قارشى ئالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى، ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ۋە باشقا مېھمانلارنى قارشى ئالدى. بۇ، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەننىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى، ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ۋە باشقا مېھمانلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن كۆرۈنۈشى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى، ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ۋە باشقا مېھمانلارنى قارشى ئالدى. لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى.

  4- ئايدىكى بېيجىڭ باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، كېچىدىكى خەلق سارىيى تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنمەكتە ئىدى، مېھمانلارنىڭ قىزغىن پاراڭ ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەچ سائەت 7دىن 35 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى مېھمان كۈتۈش زالىغا كىرىپ، چەتئەللىك رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ھەمدە ئۆزئارا ھال-ئەھۋال سورىشىشتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە «گۈزەل تاغ دەريالار» دېگەن چوڭ تام سۈرىتى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  زىياپەت زالى ئىچىدە مۇزىكا سادالىرى ياڭراپ تۇرغان بولۇپ، مېھمانلار زالدىن لىققىدە ئورۇن ئېلىشقان ئىدى، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار سىزىلغان يۆگىمە پەردىلەر خۇددى يىپەك لېنتىدەك زالنىڭ ئىككى تەرىپىدە يېيىلىپ تۇراتتى.

  شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرگە زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۈمىدكە تولغا بۇ پەسىلدە ئىككىنچى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى كېلىشىۋالغان ۋاقىتتا ئېچىلدى. مېھمانلار بەس-بەستە، بىز يىراق-يىراقلاردىن كېلىپ، بېيجىڭدا جەم بولدۇق، بۇ قېتىم تەستە قولغا كەلگەن بۇ يىغىلىشنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك، دېيىشتى.

  --بۈگۈنكى يىغىلىش، بىزگە يەنە نۇرغۇن گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. گەرچە ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، ئەمما تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئارزۇسى قەلبىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ، بىزنى شېرىكلەرگە ئايلاندۇردى. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىزنىڭ بۇ سەمىمىي دوستلۇقىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ــ قەلبىمىزدىكى مەڭگۈلۈك مېلودىيە. بولۇپ قالىدۇ.

  -- بۈگۈنكى يىغىلىش، بىزنى ئىدىيە توقۇنۇشىدىن نۇرغۇن ئىلھاملارغا ئىگە قىلىدۇ. دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ سېھرى كۈچى شۇ يەردىكى، ئۇ بولسىمۇ، رەڭگارەڭ بولۇش؛ ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇ بولسىمۇ، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە بىر-بىرىنى ئەينەك قىلىش. مىڭ يىلدىن بۇيان، قەدىمىي يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا ئالاقىلەر جەريانىدا، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشىش، كەمتۈكلىرىنى تولۇقلاش داۋامىدا بىر-بىرىنىڭ شانلىق مەدەنىيەتلىرىنى نۇرلاندۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك خىرىسلار ئالدىدا بىز يىپەك يولى تارىخىدىن ئەقىل پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ پوتېنسىيال كۈچلىرىنى قېزىپ چىقىپ، يەر شارىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى يارىتىشمىز كېرەك.

  --بۈگۈنكى يىغىلىش، زىممىمىزگە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى. ئەينى زاماندىكى يېڭى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ شامىلى باشلىنىپ، پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى بىز ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىمىزگە باھانىمىز يوق، بىزگە پەقەت ئالغا قاراپ مېڭىشنى تاللاشلا قالدى. بىز پەقەت بوران-چاپقۇنلارنى يەڭگەندىلا ئاندىن خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلالايمىز. دۇنيادا يۈز يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بىز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·باشقۇرۇش-تەربىيە ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەن جازاسىنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇش ئەمەس
    ·سەككىز ئۆلكە، شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى 
    ·"كەپسىز بالا"نى تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىنىڭ نوپۇزى بىلەن خۇشاللىق تەربىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇقارشى…
    ·ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟
    ·ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى: ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى بۇ ئېتىبار بېرىش سىيا…
    ·شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تەلەپلىرى ئ…
    ·بېيجىڭ شەھىرىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 59 مىڭ 209غا يەتكەن
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلى…
    ·2019- يىللىق ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىدۇ 
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ