باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

70 ياش، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى ياشلىق باھارىدا تۇرماقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۈەنلياڭ، فەن يۇڭچياڭ

2019.04.24 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى پائالىيىتى زىيارىتىدە، مۇخبىرلاردا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى «ياش»لار.

  «70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» كاپىتان، «80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» تايانچلار، «90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» ماتروسلار ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى پىششىق باشقۇرۇپ، ئەڭ ئىلغار قورال-جابدۇقلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر ئادەمنىڭ چىرايىدا ياشلىق ۋە ئىشەنچ ئەكس ئەتكەن.

  ياش ئۇرۇش كېمىسى، ياش ماتروس، ياش دېڭىز يولى، ياش دېڭىز ئارمىيەسى.

  70 ياش، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىغا ئاتلانغان خەلق دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ھاياتىي كۈچكە تولغان، جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان ياشلىق باھارى ئىدى.

  «قوماندان، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسار جاڭ ئەيپىڭ 39 ياش، ئۇرۇش مەسلىھەتچىسى خۇاڭ شېڭتيەن بۇ يىل 23 ياش، 13 نەپەر يېڭى ئەزانىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياشقا بارمايدۇ...» بۇ 1949-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى شەرقىي جۇڭگو ھەربىي رايونى دېڭىز ئارمىيەسى جياڭسۇدىكى تەيجۇ بەيمامياۋدا قۇرۇلغان چاغدىكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى. بۇ بىر تۈركۈم ياش خەلق دېڭىز ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دېڭىزغا قاراپ قۇدرەت تېپىش مۇساپىسىدە ئۆزىگە تەئەللۇق ئىزلارنى قالدۇردى.

  ياشلار گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. دېڭىزغا قاراپ قۇدرەت تېپىش __ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ياشلىق باھارى مەسئۇلىيىتىنى خەلق ئارمىيەسىگە باغلىغان. يېقىندا مۇخبىر خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى گۇۋاھچىلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر ھايات كىشى پېشقەدەم گېنېرال خۇاڭ شېڭتيەننى زىيارەت قىلدى. بوۋاي تىترىگەن قوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى يازدى. يەنىلا شۇ تۆت خەت: دېڭىزغا قاراپ قۇدرەت تېپىش!

  ياش ئەۋلادلار غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ. قورال-جابدۇقلارنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولغان بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى كاپىتان، پاراخوت باشلىقى، ئايروپىلان باشلىقى ئۆسۈپ يېتىلدى، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى ئوكياننى بىمالال قۇچاقلاپ، دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.

  «جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، ئۇ ياش ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان دېڭىز ئارمىيەسىگە ئىگە.» 21-چېسلا چىڭداۋغا يېتىپ كەلگەن ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «كالكۇتتا» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىدىكى بىر ئوفىتسېر مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  دېڭىز قاراقچىلىرى ئەدەپ كەتكەن ئەدەن قولتۇقىدا، ئۇرۇش ئوتلىرى ئەۋجىگەن يەمەندىن مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈشتە، دوختۇر ۋە دورا كەمچىل بولغان ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردە سەھىيە-داۋالاش قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىشتە،... بىر يۈرۈش يېڭى دېڭىز مۇساپىسىدە، دۇنياغا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تىنچ چوڭ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ئوبرازى نامايان قىلىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغداشتا مۇھاپىزەت قىلىدىغان ياشلىق جاسارىتى ئىپادىلەندى.

  70 ياش، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياشلىق باھارى.

  70 يېشىدا خەلق دېڭىز ئارمىيەسى يەنە يولغا چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر